ما يىنىڭ
يېقىندا گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 11 – نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يەرمەنكىسىدە، شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. كۆرگەزمىگە ئاز سانلىق مىللەتلەر كەشتىلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، تېببىي دورا ياسىمىلىرى، ئىلمە توقۇلما كىيىم – كېچەكلىرى قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 62 خىل يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى نەچچە ئون مىڭ ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى، بۇ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، بۇ سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى كەسىپلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ كەسىپلىرى بىلەن جىپسىلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەرمەنكىگە قاتناشقان 58 شىنجاڭ كارخانىسىنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يەرمەنكىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئوبرازىنى نامايان قىلىپلا قالماي، نەزەر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى ۋە بازارنى تېخىمۇ چۈشىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كارخانا سىرتقا يۈزلىنىپ، بازار يۈزلىنىشىنى ئىگىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونىمىز ئۆمەك تەشكىللەپ، جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يەرمەنكىسىگە ئۇدا 11 يىل قاتناشتى، 700دىن ئارتۇق كارخانا بۇ سۇپا ئارقىلىق مەھسۇلات ۋە تېخنىكىسىنى دۇنياغا تونۇشتۇردى ھەم تېخىمۇ يۈكسىلىشكە يۈزلەندى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەھسۇلاتلاردىن شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلىرىمىز يەرلىك مەھسۇلاتلارنى كۆپرەك ئېلىپ كەلگەنىدى، بۇ قېتىم ئىنچىكە پىششىقلانغان ۋە پاتېنتلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىگە قويۇلدى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىچە ئورۇسى كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. شىنجاڭدىكى 130 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا ئۇدا بىر قانچە يىل جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق بەلگىلىك ئىقتىدارنى ھازىرلىدى.
خام ئەشيا باھاسى، خادىملارنىڭ ئىش ھەققى ئۆرلىگەن، مەبلەغ تەمىناتى قىس بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا پايدا كېمىيىپ كېتىش دەۋرىدە تۇرماقتا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش بازاردا پايدىنى قانداق كۆپەيتىشنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇن خۇڭجى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە سودا – سانائەت بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كۆپىيىشكە باشلىدى. يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ كارخانىلار دەسلەپكى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇلار دۇچ كەلگەن خەۋپمۇ يۇقىرى، ئىسلاھات داۋامىدا بارلىققا كەلگەن بۇ كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇلارنى ئادىل رىقابەت داۋامىدا يۈكسىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئىقتىسادىي مەشغۇلات ۋەزىيىتىدە مۇقىم تۆۋەنلەش ھالىتى كۆرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق كۆلەملەشكەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجى 70 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا ئىجازەت ئۆلچىمى، يەر سىياسىتى، مالىيە بېجى، پۇل مۇئامىلە جەھەتلەردە كونكرېت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلدى. 2013 – يىلى ئاپتونوم رايوندا مەبلەغ چىقىرىش شەكلى چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىش، تىزىملاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، كىچىك كارخانىلاردىن تىزىملىتىش، رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى ئالماسلىقتەك سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بويىچە 10 مىليارد 600 مىليون يۈەن باج كەچۈرۈم قىلىندى ۋە كېمەيتىلدى.
ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ <مەخسۇس، سۈپەتلىك، ئالاھىدە، يېڭى بولۇش> تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يېتەكچى پىكرى››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ يۈكسىلىشنى تېزلىتىپ، سۈپەتلىك، ئالاھىدە، يېڭى بولۇش تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا سۈپەتلىك، ئالاھىدە، يېڭى بولۇش بويىچە 25 تۈرگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىپ، 17 مىليون 430 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلدى.
خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: تۈرلۈك يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بارغانسېرى كۈچىيىپ، تېخىمۇ كۆپ كىچىك كارخانىلار ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ باھارىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەككە قۇچاق ئاچقۇسى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved