1-خىل خاتا ئۇقۇم: سۈت ۋە تۇخۇم بىلەن ناشتا قىلىش ئۇسۇلى.
ئەگەر ناشتىدا دانلىق زىرائەتلەر بولمىسا مەسىلەن، موما، ئۇن تائاملىرى، ئۇماچ، ناھايىتى ئوڭايلا بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا بالىلار سۈتنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئاتا- ئانىلار بالىلارغا ئازراق سۇ ئىچكۈزىۋەتكەندە بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى تازلاش رولىنى ئوينايدۇ.
2-خىل خاتا ئۇقۇم: بالىلارغا زىيادە كالىتسىي تولۇقلاش.
بوۋاق بالىلار تېنىدە ئەسلىدە كالىتسىي كەمچىل بولمايدۇ، بەلكى كالىتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋېتامىن D كەمچىل. شۇڭلاشقا بىرئاز بېلىق مېيى سۇيۇقلىقىنى بالىلارغا ئىستېمال قىلدۇرۇش كالىتسىي ئىستېمال قىلغانغا قارىغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
3-خىل خاتا ئۇقۇم: بالىلارنى قېلىن كىيىندۈرۈش.
تېمپېراتۇرا 30 سېلىتسيە گىرادۇسقا يەتكەندىمۇ بەزى بالىلار يەنىلا قېلىن كىيىندۈرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلار ھەركەت قىلغان ۋاقىتتا قويۇپ بېرىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى چوڭ كىشىلەردىن كۆپ بولىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا ئۆزى بىلەن ئوخشاش قېلىنلىقتا كىيىدۈرسىلا بولىدۇ.
4-خىل خاتا ئۇقۇم: پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى سەينىڭ ئورنىغا دەسسىتىش.
پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆكتات ئورنىدا كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر بالىلار پەقەت گۆش يەپ پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېمىسە، كۆكتات يېمىگەن بىلەن باراۋەر.
5-خىل خاتا ئۇقۇم: بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتى قاتتىق بولسا بانان يېيىش.
پەقەت يالغۇز بانان يېسىلا پايدا قىلمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى بالىلارغا ياخشى بولغان تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.
6-خىل خاتا ئۇقۇم: بالىلار كۈن نۇرىغا قاقلانسا بولمايدۇ.
بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار كۈن نۇرىغا قاقلانغان ۋاقىتتا، بالىلارغا لۆڭگە ئارتىپ، قالپاق كىيدۈرۈپ قويىدۇ. توغرا بولغان ئۇسۇل بولسا، بالىلارنىڭ بېشىنىڭ كەينى تەرىپىنى، قولىنىڭ بېغىشىنى، ئوشۇقىنى، كاسسىنى ئاپتاپقا قاقلاپ بېرىش ئارقىلىق كېسەل بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
7-خىل خاتا ئۇقۇم: ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق دەپ قاراش.
نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلارغا زورلاپ جىگەر يېگۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى يەنە يۈرەك، ئۆپكە، بۆرەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىراق جىگەردە زىيانلىق تەركىبلەر ساقلانغان بولۇپ كۆپ يېيىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. شۇڭا ئاتا- ئانىلار بالىلارغا باشقا ئىچكى ئەزالارنىمۇ يېگۈزىشى لازىم.
8-خىل خاتا ئۇقۇم: پارچە يېمەكلىكلەرنى يېيىش بەدەنگە زىيانلىق.
بالىلارغا كۆپرەك ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ. بولۇپمۇ ئورۇق بالىلارغا كەچلىكى كۆپرەك ئۇششاق يېمەكلىك بېرىش كېرەك.
9-خىل خاتا ئۇقۇم: سەي كۆكتاتلارنىڭ پوستىنى سويىۋېتىپ يېسە ئوزۇقلۇق قىممىتى ياخشى بولىدۇ دەپ قاراش.
ئەمەلىيەتتە سەي-كۆكتاتلاردىن قىلىنغان شورپىدا مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. ئەگەر تېرىسنى سويىۋەتمەيلا شورپا قىلساق ئوزۇقلۇق ماددىلار تېخىمۇ مول بولىدۇ.
10-خىل خاتا ئۇقۇم: بالىلار گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ قاراش.
ئەمەلىيەتتە بالىلار توخو گۆشى، كالا گۆشى، قوي گۆشى قاتارلىق ئاسان يۇمشاتقىلى بولمايدىغان گۆشلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەمما يېڭى راك، يىلان بېلىق قاتارلىق يۇمشاق گۆشلەرنى يېيېشنى ياخشى كۆرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved