سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.تۈركىيە دوئان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە . ئاساسلانغاندا ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئىراق كورد قوراللىقلىرى 12-ئاي كىرگەندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئورفا ئۆلكىسىگە يېتىپ بارغان .ئۇلار مۇھاسىرىدە قالغان سۈرىيە چېگرىسىدىكى ، مۇھىم بازار كوبانىيغا بېرىپ شۇ جايدىكى كوردلارنىڭ رادىكال تەشكىلات ئىسلام خەلپىلىكىگە زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىدۇ .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى ،يېقىندا ئېراقتىكى قوراللىق كۇردلار چىققان بىر ئايروپىلان كورد ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەخت ئايروپورتىدىن يولغا چىقىپ ئىككىنچى دېكابىر كەچتە ئولىفا ئۆلكىسىدىكى ئايروپورتقا قوندى .ئىككىنچى تۈركۈمدىكى بۇ كورد قوراللىقلىرى تۈركىيە قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق تۈركىيە سۈرىيە چېگرىسىدىن ھالقىپ كوبانىغا بېرىپ بىرىنچى تۈركۈمدىكى كورد قوراللىقلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ .
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تۈركىيە ھەربىي ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا بۇ قېتىمقى كوبانىغا بارىدىغان ئىراق كورد قوراللىقلىرىنىڭ 110 چە خادىمدىن تەشكىللەنگەنلىكى 28-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئارقىلىق كوبانىغا كىرگەن كورد 150 قوراللىقلىرىنىڭ يەنە تۈركىيە ئارقىلىق . ئىراقنىڭ شىمالىغا قايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى .ئىسلام خەلىپىلىكى رادىكال تەشكىلاتى بۇ يىل 16- سىنتەبىردىن باشلاپ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى سۈرىيە تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن كوبانىغا ھۇجۇم قىلدى ،ھەمدە ئەتراپتىكى كۇردلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلارنى ئىگىلىۋېلىپ .ئاز دېگەندىمۇ 180 مىڭ مۇساپىرنىڭ قوشنا دۆلەت تۈركىيىگە قېچىپ بېرىشىغا سەۋەپ بولدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved