جۇڭگو تورى، بېيجىڭ، 22-ئاپرېل خەۋىرى: جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى (جۇڭگو خەلقئارا نەشرىيات گۇرۇھى) بىلەن كوفى ئاننان فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ئاننان نۇتۇقلىرى توپلىمى››، ‹‹ئاننان ئەسلىمىلىرى›› نىڭ خەنزۇچە نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى 22-ئاپرېل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. كوفى ئاننان فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، 2001-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى كوفى ئاننان بېيجىڭغا مەخسۇس كېلىپ كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
‹‹ئاننان نۇتۇقلىرى توپلىمى ـــ خەلقىمىز: 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى›› نىڭ خەنزۇچە نەشرىگە ئاننان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولغان مەزگىلدە سۆزلىگەن بىر قىسىم مۇھىم نۇتۇقلار كىرگۈزۈلگەن، ئۇ نۇتۇقلار كوسوۋو ئۇرۇشى، شەرقىي تىمور توقۇنۇشى، ئىراق ئۇرۇشى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق ئىشلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، كوفى ئانناننىڭ سىياسىي كۆزقارىشى، تىنچلىق ئىدىيەسى ۋە نۇتۇق تالانتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ نۇتۇقلارنىڭ باش تېمىسى ئۇ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرەققىيات، ساغلاملىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىرقىي يوقىتىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.
‹‹ئاننان ئەسلىمىلىرى ـــ مۇداخىلە: ئۇرۇش ۋە تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھايات››نىڭ خەنزۇچە نەشرىدە ئاننانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىنكى سىياسىي ھاياتى جانلىق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved