تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 8-چىسىلا ئەتىەەندە بەرگەن دوكىلاتىدا دېيىلىشىچە ،مەركىزى پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ،ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي كومىتىتنىڭ ئەزالىرى يېقىندا ،ئۆزلىرىگە قاراشلىق ئىككىنچى تۈركۈمدىكى پائالىيەت ئالاقە نۇقتىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ،تەتقىق قىلىپ ،ئەھۋال ئىگىلەپ ،تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيتىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان .
مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن ئەمەلىي تەربىيە پائالىيتىنىڭ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى .ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپ بويىچە ،ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتىتنىڭ ئەزالىرى ئىككىنچى تۈركۈملۈك پارتىيەنىڭ ئاممۋىي لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا ،ئايرىم ھالدا بىردىن ناھىيىنى زىيارەت نۇقتىسى قىلدى.پارتىيە مەركىزى كومىتىتى سىياسىي بىرسىنىڭ ئەزاسى مئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن 4-ئانىڭ 3-ۋە 4-كۈنلىرى ئالاقە نۇقتىسى بولغان سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيسىگە بېرىپ ،تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن ئىدى .ھەمدە شۇ جايدىكى خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلغان .
جاڭچۈنشىيەن بۇنىڭدىن بۇرۇن شىمالىي شىنجاڭدا بېكىتىلگەن ئالاقە نۇقتىسى ئاساسىدا ،يەكەن ناھىيسىدىكى كەنىتنى ئالاقە كەنتى قىلىپ ،بۇ كەنىتتە خىزمەت تەكشۈرۈپ ،خىزمەتلەر گە يېتەكچىلىك قىلغان .جاڭ چۈنشىيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :‹پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان ،باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ ،تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ،بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ،بۇلۇپمۇ نەنكاڭ ناھىيسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ،ياڭيۈلۇ روھىدىن ئۆگىنىشىمىز ،ئۈچتە قاتتىق بولۇش ،ئۈچتە ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ ،شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەل رايىنى بىلىش ،ئەلنى مايىل قىلش ،ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيتىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ،ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا ئىككىنچى تۈركۈمدىكى پارتىيە نىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيتىنى ،يۇقىرى ئۆلچەمدە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ،ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم ›.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ،ئاپتونوم رايوننى رەئىسى نۇر بەكرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارقاش ناھىيسىگە بېرىپ ،ئالاقە نۇقتىسىنىڭ تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ،ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى ،نۇر بەكرى مۇنداق دېدى:‹ ،تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈپ ،باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەنكاڭ ناھىيسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ ،ئاپتونوم رايونىمىز قانات يايدۇرغان ،ئەل رايىنى بىلىش ،ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ،ئەلنى مايىل قىلش پائالىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ ،تەربىيەئەمەلىيەت پائالىيتىنى پۇقتا قانات يايدۇرۇپ ،يۇقىرى ئۆلچەمدە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشتا چىڭ تۇرۇپ ،ھەر بىر قاتلام ھەر بىر ئورۇندا ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ›.
لەگلەك تورىنىڭ ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved