سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى 28-ماي رۇسىيىدە نازارەتلىك قىلىش سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغۇچى سىنۇدىن زىيارەت قىلىنغان خەۋەرنى كۆرسەتتى .بۇ سىنۇدىننىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تېلېۋىزيە تاراتقۇسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىشى . سىنۇدىن مۇنداق دېدى : ‹ مەن تېرورىزىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن ،لېكىن بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ نازارەت قىلسا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس ،بۇ ئامېرىكىنىڭ نازارەت قىلىش تۈرى تولىمۇ يىرگىنىشلىك ئىدى ،مېنىڭچە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇسۇلى توغرا ئەمەس ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزنى ئويغاتتى .
ھەمدە 11-سېنتەبىر ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئەسلىمىمىزگە ھاقارەت قىلدى ،دۆلىتىمىز بىرلىكتە تارتقان ئازابتىن پايدىلىنىپ ، بارلىق ئاماللار بىلەن نازارەت قىلىش تۈرىنىڭ جىنايىتىنى ياپماقچى بولدى ،بۇ نازارەتچىلىكنىڭ بىزنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق ›.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى :‹كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى نازارەت قىلىش تۈرىنىڭ ئۆزى يىرگىنىشلىك بولۇپلا قالماستىن ،ئۇلار بېكىتكەن نىشان ۋە قوللانغان ئۇسۇل جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ ›. سىنۇدىن يەنىلا ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەيدىغان بولغاچقا ھازىر روسىيەدە داۋاملىق پاناھلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ .لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقى ،ئامېرىكا پارلامېنتنىڭ بەزى ئەزالىرى ئېيتقاندەك رۇسىيىنىڭ جاسوسى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى .
ئۇ مۇنداق دېدى : ‹ مېنىڭ رۇسىيە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق .رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ باقمىدىم ،رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشمىدىم ›. سىنۇدىن يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ھۆددىگىرى دېيىشىگە قۇشۇلمايدىغانلىقى ،ئۇنىڭ مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن ئامېرىكا جاسوسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ساپ سالاھىيەت بىلەن ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا چەتئەلدە تۇرۇپ ئۇزاق يىل خىزمەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى .بەزى تەھلىلچىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىنودىننىڭ جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ھاياتىنى كەمسىتىشى ئۇ ئاشكارىلىغان ئاخباراتلارنىڭ قىممىتىنى قەستەن چۈشۈرۈش ئۈچۈن بولغان بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى .نۇرغۇن تارتقۇلار بۇلتۇر 6-ئايدىن بۇيان سىنودىن تەمىنلىگەن ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىپ ،ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن نازارەت قىلىش تۈرلىرىنى ئاشكارىلىدى .
ئامېرىكا نۇرغۇن دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئۇچۇر لىرىنى ئوغرىلىغان ،10-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىشى چوڭ ماجرانى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى نەچچە ئون دۆلەت ۋە رايوننىڭ رەھبەرلىرىنىڭ سۆزىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان ،بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلمۇ بار ،ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيانى نازارەت قىلغان ،ھەتتا ئىتتىپاقدىشىنىمۇ بوش قۇيۋەتمىگەن ،جۇڭگو ۋە رۇسىيىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش تىزملىكىدە ئىكەن .
ئەمەلىيەت ئامېرىكىنىڭ ئاشكارلىنىپ قالغان نازارەتچىلىك سەتچىلىكى بۇلارلا ئەمەس .بۇ يىل 3-ئايدا ئاشكارىلانغان بىر ھۆججەتتە ئىپادىلىنىشچە ،2009-يىلىنىڭ بېشىدا ،ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى جۇڭگو خۇا ۋېي شىركىتىگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تورغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان .بىر ئالاھىدە گۇرۇپپىنىڭ خۇا ۋېينىڭ كومپيۇتېر تورىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ 1400تىن ئارتۇق خېرىدارنىڭ ماتېرىيالىنى ۋە ئېنژىنېرلار ئىشلەتكەن ئىچكى قىسىم تەربىيىلەش ھۆججەتلىرىنى كۆپەيتىۋالغان . رەتلەپ چىققان بۇ ماتېرىياللار ئاشكارىلانغان ئامېرىكا نازارەتچىلىك سەتچىلىكىنىڭ پەقەت بىر قىسمى بۇلۇپ ،ئەگەر ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە جەملەيدىغان بولسا ، ئامېرىكىنىڭ نازارەتچىلىك تورى پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان ،ھەممىلا يەردە بار دېيىشكە بولىدۇ .
ئەنگلىيە مۇھاپىزەت گېزىتىدىكى خەرىتىگە قارايدىغان بولساق بۇ دۆلەت ۋە رايونلاردا ئامېرىكىنىڭ نازارەت قىلغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار بار بۇلۇپ ،پەقەت نازارەت قىلىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . يەنى رەڭ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ،شۇ خەرىتىدىن قارىغاندا ئېران نۇقتىلىق نازارەت قىلىنغان . ئېلىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇق رايونىنىڭ نازارەت قىلىنىش دەرىجىسى ئوتتۇرا دەرىجىگە تەۋە بۇلۇپ ،بۇ خەرىتىدىن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قەستكار ئىمپېرىيە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ
ئامېرىكا ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى نازارەت قىلغاندىن باشقا ئامېرىكا ئاخبارات تارمىقى ھەر خىل ئاماللار بىلەن باشقا دۆلەتلەردە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ،مەسلەن ئۈچ يىل بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئالاھىدە قىسمى پاكىستانغا ئوغۇرلۇقچە كىرىپ ،بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتا بېشى بېنلادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ،بېنلادىننىڭ يۇشۇرۇنغان جايىنى ئامېرىكىدىكى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ،يەنى CIAجاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئارقىلىق بېكىتكەن .شۇ چاغدا ئۇلار جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يەرلىكلەرگە ھەقسىز ۋاكسىنا سېلىش نىقابىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ،بېنلادىنغا ماس كېلىدىغان DNAنى تېپىپ چىققان .
ۋاقىتنى 2011-يىلىغا سۈرسەك ،شۇ چاغدىكى ئامېرىكا ئاخبارات خادىملىرى ،سۈنئى ھەمراھ ۋە يەرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك ئۆيلىرى ئارقىلىق ،ئىسلام ئاباد ئەتراپىدىكى ئابۇت ئاباد رايونىدىكى بېنلادىننىڭ يۇشۇرۇنغان جايىنى نازارەت قىلغان .مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىق ئۈچۈن ،ئالاھىتەن پاكىستان دوختۇرىنى(شاجىل ئابات ) قۇبۇل قىلىپ ئابۇت ئاباتتا ب تىپلىق جىگەر ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملەشكە ئورۇنلاشتۇرغان ،مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەقسىتى ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق يەرلىك ئاھالىنىڭ DNAئەۋرىشكىسىگە ئېرىشىش ،ئاندىن ئۇنى بېنلادىننىڭ ئۆلۈپ كەتكەن سىڭلىسىنىڭ DNAسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،بېنلادىننىڭ راست شۇ نازارەت قىلىنىۋاتقان ئۆينىڭ ئىچىدە ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللەش .ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ھەقسىز ۋاكسىنا ئەملەش نىقابى بىلەن جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى .بۇ جامائەت داۋالاش سەھىيە ساقلىقىنى ساقلاش ساھەسىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى .
ئۈچ يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق 13 ئالىي مەكتەپ ،ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىرى بۇ ئۇسۇلنى ئۇچۇق ئاشكارە ئەيىبلىدى .16-ماي ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت زىمىن بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ھېسامۇنات بۇ ئىنستىتۇت مۇدىرلىرىغا خەت يېزىپ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئەمدى بۇنداق ۋاكسىنا ئەملەش ياكى ئادەم ياللاش ئۇسۇلى بىلەن ئاخبارات پائالىيەتلىرىنى قىلماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ دېدى .
ئامېرىكىلىقلار بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلماسلىققا ۋەدە بەردى ،لېكىن بۇنىڭ ناچار تەسىرى ئاللىبۇرۇن بۇلۇپ بولدى . بۈگۈنكى پاكىستاندا ۋاكسىنا ئەملەشكە مەسئۇل بولىۋاتقان تىببىي خادىملارنى يەرلىكلەر ھەمىشە جاسۇس دەپ سانىغاچقا ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە تۇرىدىكەن .شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەش تۈرى دېگەندەك راۋاجلانمىغان ، بۇ پاكىستاندىكى كىچىك بالىلاردا پالەچ كېسىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەن ،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا ،2013-يىلى پاكىستاندا بالىلار پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار پۈتۈن دۇنيا بويىچە بەشتىن بىر قىسىمدىنمۇ كۆپرەكنى ئىگىلىگەن .
ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار تارماقلار نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيئونلىرى كارخانا ،شۇنداقلا شەخىسلىرىگە كەڭ كۆلەملىك تەشكىللىك تور مەخپىيەتلىكىنى ئوغرلاش ،ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved