مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن لىۋىيە خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرىنىڭ تۇرار جايىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: مىسىر لىۋىيەنىڭ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى راۋاجىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ ھەمدە لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى مىسىرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلغان ۋە رەددىيە بەرگەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە: مىسىر لىۋىيەنىڭ قوشنىسى ئالجىرىيە، تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن لىۋىيە توقۇنۇشىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىپ، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە كېڭىشىشنى پىلانلاۋاتىدۇ دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved