ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 14 – ئۆكتەبىر ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە خەلقئارا ھەربىي ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى»غا قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى دېمپىسى رىياسەتچىلىك قىلدى، يەنە 21 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى قاتناشتى.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەيدانى بەلگىلىك ماسلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ھاسىل قىلىنغان كونكرېت نەتىجە كۆپ بولمىدى، كەلگۈسىدە، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش يەنىلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە بولىدۇ، دەپ قارىدى.
ئوباما يىغىندىن كېيىن، ھازىر ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاساسلىقى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» قوراللىقلىرىنىڭ ئېربىلغا يۈرۈش قىلىشىنى توسۇش، موسۇل توسمىسىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى بىر قىسىم ھەربىي نىشانلىرى ۋە خادىملىرىنى يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.
لېكىن ئوبامانىڭ بۇ نەتىجە تىزىملىكى يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتىنى قوللىشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋەدە بېرىشىگە مەدەت بېرەلمىدى. يىغىندىن بۇرۇنقى خەۋەردە، تۈركىيە ئۆزىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئېچىۋېتىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ياردەملىشىشكە قوشۇلدى، دېيىلگەن بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالدى.
ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇھىم بولۇپ قالدى. «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا نەچچە مىڭ قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭدىكى ئوق – دورا چىقىمىلا نەچچە يۈز مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى. ھاۋا ھۇجۇمى دەرۋەقە ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن قورال – جابدۇقلىرىنى ۋەيران قىلدى، لېكىن ھاۋا ھۇجۇمىدا ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى، مالىيە كۈچى خورىدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ئەھۋال كۆرۈلدى.
بەھرەيىن، ئىيوردانىيە، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشتى، بىراق سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب ئەللىرى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتنىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولمىدى.
گەرچە ئامېرىكا غەرب ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈزلۈكسىز مۇراجىئەت قىلغان ھەم ئۆزىمۇ ماسلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينىغان بولسىمۇ، 14 – ئۆكتەبىردىكى يىغىندا بۇ جەھەتتە ماھىيەتلىك نەتىجە ھاسىل قىلىنمىدى، بۇمۇ ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ماسلاشتۇرغۇچىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ئوباما: 60 قا يېقىن دۆلەت ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش بىرلەشمە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا قوشۇلدى، بۇلار مىسىر، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى. بىراق تەھلىلچىلەر بۇنداق كۆپ دۆلەت ئىتتىپاقىنى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى تەقسىملەش جەھەتتە ماسلاشتۇرۇش ناھايىتى تەس، بۇنىڭدا ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلىشىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، كىم ھاۋا ھۇجۇمى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، ھاۋا ھۇجۇمى نىشانلىرى قانداق تاللىنىدۇ، كىم قورال بىلەن، كىم ئاخبارات بىلەن، كىم مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەر يەنىلا كېڭىشىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى قوراللىقلىرى ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كۇرد قوراللىقلىرى بىلەن بولغان تۇتۇشۇشتا تەدرىجىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ھۇجۇم ئىقتىدارى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە، دەپ قاراۋاتىدۇ.
ئامېرىكا ئەينى يىللىرى ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان چاغدىكى ئەھۋالغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئوباما ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىش پاتقىقىغا كىرىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىمى ئەۋەتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، بەلكى ھاۋا ھۇجۇمىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.
ۋاھالەنكى، ھاۋا ھۇجۇمىغا تايىنىپلا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ. تەھلىلچىلەر بومباردىماننىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل بولۇپ قالدى، دەپ ھېسابلىدى.
ھازىر، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئەسەبىي قوراللىقلىرى ئىراقنىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىگىلەپ تۇرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم نوپۇسى كۆپ شەھەرلەر بار. ھاۋا ھۇجۇمى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ قوراللىقلىرى كوچا – مەھەللىلەرگە كىرىپ يوشۇرۇنۇشقا باشلىدى. ئامېرىكا قاتارلىقلار ئەگەر دەھشەتلىك بومباردىمان قىلسا، بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ئەجەللىك زەربە بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمۇ تەسكە توختايدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن بۇيان، ئىراقتىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئازايماستىن، بەلكى كۆپىيىپ كەتكەن. «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى قوشۇنىنى تولۇقلىغاندىن سىرت، يەنە پۇل، مال – مۈلۈك بۇلاش، بايلىق سېتىش، سىرتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق نەچچە مىليارد دوللارلىق مۈلۈك جۇغلىغان. بۇ تەشكىلات يەنە چەت ئەللەردىن سېتىۋېلىش ياكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدىن تارتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نۇرغۇن قورال – جابدۇققا ئىگە بولۇپ، كۈچىنى تېخىمۇ زورايتقان.
ئادىمى، پۇلى، قورالى بار «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئالدىدا، دېمپىسى ۋەكىللىكىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ كۈچلۈك بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرۇشتا، كۈچلۈك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى بولمىسا ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش ياسىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەيلى ئامېرىكا، مەيلى باشقا ئىتتىپاقداشلىرى ئىچىدىكى ھەر قانداق بىرى بولسۇن، كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتىپ، بۇ ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن يۈزمۇيۈز تۇتۇشۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەستەك قىلىدۇ.
كۈچى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمەن دەيدىكەن، ئامېرىكا قاتارلىقلار ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved