پۇتىن ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسمىنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلدى

رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېرسكوۋ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتتىن بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسمنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.


ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا تىرىشىپ ياراشتۇرۇش ئەھۋالى ئاستىدا ئۇكىرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىنىڭ ۋەزىيىتى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار لۇگەنسېك ۋە دونىتسېك ئوبلاستىلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوۋ 12- دېكابىر مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: رۇسىيە ئۇكىرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ تېزراق ئۆتكۈزىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.


رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، راۋلوۋ شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىيە فوندى جەمئىيىتى پائالىيىتىنى قوللىغاندا مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە يۇقارقى ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يوللىرىنى تېپىش. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ھەر قايسى تەرەپلەر ئالاقە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى كېڭەشمەكتە، رۇسىيە يىغىننىڭ تېزراق ئۆتكۈزىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

راۋلوۋ مۇنداق دېدى: گەرچە جەريان مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما ئۇكىرائىنادا توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇرۇش تو‍ختىتىش مېخانىزىمىنى ئورناتتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجادىي پوزىتسىيە بىلەن باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. بۇ دونتسېك ئوبلاستى بىلەن لۇگەنسېك ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇكىرائىنانىڭ سىياسىي سۆزلىشىشى، ئۇكىرائىنادىكى ھەر قايسى رايون ۋە ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر قاتناشقان ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى باشلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو 12-دېكابىر مۇنداق دېگەن: ئۆتكەن 24 سائەتتە ئۇكىرائىنا 7 ئايدىن بۇيانقى تۇنجى ئۇرۇشسىز بىر كۈننى كۈتۈۋالدى. بۇ خىل ئۇرۇشسىز ھالەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


بۇ يىل 9-ئايىڭ 5-كۈنى ئۇكىرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۈچ تەرەپنىڭ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكىرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى، رۇسىيە ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسمىدىكى ئەل ئىچى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مىنسكىيدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكىرائىنانىڭ شەرقى قىسمىدىكى ئەل ئىچى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يەنە ئەسلەتمە ئىمزالاپ، توقۇنىشۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشىۋاتقان رايوندىن 15 كېلومېتىر يىراقلىققا چېكىنىپ، 30 كىلومېتىرلىق توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى بەرپا قىلىشنى بەلگىلىدى. ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىگە ئىشەنچىسى كەمچىل بولغاچقا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئەسلەتمە بىردەك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشمىدى.



خەتكۈچلەر:
15-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek