جاھان ئاگېنتلىقى 1-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ پىشقەدەم ئۇستازى ياشار كامال 92 يېشىدا ۋاپات بولدى. ياشار كامال بىر مەزگىلدىن بۇيان دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، يازغۇچى ياشار كامال دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا يەرلىككە قويۇلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەدەبىياتچىلىرىدىن ياشار كامال 14-يانۋاردىن بۇيان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستىتى مىدىتسىنا پاكۇلتىتى دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتاتتى.
پىشقەدەم يازغۇچى تەخمىنەن بىر يېرىم ئايلىق ھايات-مامات كۈرىشىدىن كېيىن سائەت 16:46 دە ۋاپات بولدى.
ياشار كامال تۈركىيەدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ۋەكىل بولغان تۇنجى ئەدەبىياتچى ئىدى. ياش ۋاقىتلىرىدا جەمىيئەتشۇناسلىق بىلەن تۇنۇشقان، ياشار كامال 92 يىللىق ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئۇنىڭ ئائىلىسى 1-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ ۋان ۋىلايىتىنىڭ ئەرنىس يېزىسىدىن ئادانا ۋىلايىتىنىڭ ھەمىتە يېزىسىغا كۆچۈپ بارغان، ياشار كامال بۇ يەردە، 1923-يىلى كامال سادىق گۆكچەلى دىگەن ئىسىم بىلەن دۇنياغا كەلگەن. بەش يېشىدا مەسچىتتە دادىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ئاخىرقى سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئانىسىغا قارىغان.
ياشار كامال ئادانا خەلق نەشىرياتىدا ئىشلىگەن مەزگىللەردە «Ağıtlar» نامىدا نەشىردىن چىقاردى. 1946-يىلى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن ئىككى قېتىم قولغا ئېلىندى. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئىشسىز قېلىپ، كېيىن ئىستانبۇلغا كېلپ «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» دە مۇخبىرلىق ۋە يازغۇچىلىق قىلدى. مەزكۇر گېزىتنىڭ مەملىكەت خەۋەرلىرى تارمىقىنى قۇردى ۋە 1963-يىلىغا قەدەر باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.
تۈرك ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «İnce Memed» نى 1947-يىلى يېزىشقا باشلىغان بولۇپ يېرىم يولدا توختىتىپ قۇيۇشقا مەجبۇر بولدى، 1953-يىلى ئىقتىسادى قىيىنچلىقتا قالغان مەزگىللەردە يېڭىدىن يېزىشقا باشلىدى. بۇ كىتاب 1955-يىلى نەشىردىن چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن 4 قىسىملىق كىتاب تاماملانغاندىن كېيىن 40 نەچچە تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە فىلىم قىلىپ ئىشلەندى.
ياشار كامال تۈركىيەدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئەدەبىياتچى ئىدى، ئۇ خەلقئارا نوبىل مۇكاپاتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيتى پرېزىدېنتلىقى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مۇكاپاتى. يەنە فرانسىيە جۇمھۇرىيتى ، فرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، گېرمانىيە كىتابچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بىر قانچە ئۇنىۋېرستىتلاردىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ياشار كامال تۈركىيەنىڭ ئەڭ كاتتا يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇشتىن بۇرۇن سىياسىي سەۋەب بىلەن تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىنغاندا 17 يېشىدا ئىدى، 1950-يىلى قايتا قولغا ئېلىنىپ ئادانا تۈرمىسىدە 1 يىل ياتتى. ياش ۋاقتىدىن تارتىپ ئىجتىمائىي سىياسەت ئىچىگە كىردى. 1962-يىلى تۈركىيە ئىشچى پارتىيسىگە كىردىپ ، پارتىيەدە مەركىزى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى. يازغۇچى بۇ مەزگىللەردە يازغان ماقالىلىرى ۋە سىياسىي تەسىرلىرى سەۋەبىدىن بىر قانچە قېتىم چەكلىمىگە ئۇچرىدى.
ياشار كامال كۈرت مەسىلىسىگە ، خۇسۇسەن مۇسا ئانتەر 1992-يىلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاشكارا مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئۇ بۇ مەسىلىگە ئىنسانى نوقتىنەزەردىن قارىدى. ھەم دۆلەت باشقۇرغۇچىلارنى ئەيىبلىدى. ئۇ كۈرت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا «قېرىنداشلىق» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ماقالىلەر يازدى. ئۇ ماقالىلىرىدە « بىز ئۆز خەلقى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان بىر دۆلەت بولۇپ قالدۇق» دەپ، تۈركلەر بىلەن كۈرتلەرنىڭ دوست-قېرىنداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يازغۇچىنىڭ نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن:
Sarı Sıcak-1952
Bütün Hikâyeler-1975
رومانلاردىن:
İnce Memed-1955
Teneke-1955
Orta Direk / Dağın Öteki Yüzü I-1960
Yer Demir Gök Bakır / Dağın Öteki Yüzü II-1963
Ölmez Otu / Dağın Öteki Yüzü III-1968
Demirciler Çarşısı Cinayeti / Akçasazın Ağaları I-1974
Yusufçuk Yusuf / Akçasazın Ağaları II-1975
Yılanı Öldürseler -1976
Al Gözüm Seyreyle Salih-1976
Allahın Askerleri -1978
Kuşlar da Gitti -1978
Deniz Küstü (-1978)
Hüyükteki Nar Ağacı ( 1982)
Yağmurcuk Kuşu / Kimsecik I ( 1980)
Kale Kapısı / Kimsecik II (1985)
Kanın Sesi / Kimsecik III ( 1991)
Fırat Suyu Kan Akıyor Baksana / Bir Ada Hikâyesi I (1997)
Karıncanın Su İçtiği / Bir Ada Hikâyesi II ( 2002)
Tanyeri Horozları / Bir Ada Hikâyesi III ( 2002)
Çıplak Deniz Çıplak Ada / Bir Ada Hikâyesi IV ( 2012)
Tek Kanatlı Bir Kuş (2013)
داستانى رومانلىرى:
Üç Anadolu Efsanesi ( 1967)
Ağrıdağı Efsanesi (1970)
Binboğalar Efsanesi ( 1971)
Çakırcalı Efe (1972)
شىئېرلار توپلىمى:
Bugünlere Bahar İndi ( 2010)
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved