2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا سودا يەرمەنكىسىدە جەمئىي 150 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالاندى
شىنجاڭ گېزىتى تورى خەۋىرى:
مۇخبىرنىڭ 2015-يىللىق ئاسيا-ياۋروپا سودا يەرمەنكىسى خۇلاسە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا سودا يەرمەنكىسىدە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرىدىن 258ى ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 150 مىليارد 753 مىليون يۈەن بولغان.
بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلار ئۆز ئارا ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم ئىقتىساد-سودا نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرلىرىدىن باشقا، يەنە چەت ئەل مەبلىغى تۈرىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، بۇنىڭدىكى كېلىشىم سوممىسى 1 مىليارد 312 مىليون يۈەن، دۆلەت ئىچى كارخانىلىرىنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 12 مىليون 960 مىڭ يۈەن بولغان. شىنجاڭ خەلقئارا كۆگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى جىڭ يۈەن: «دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئارتىپ، خەلقئارا بازارلار ‹ماغدۇرسىزلىنىۋاتقان› ئەھۋال ئاستىدا يەرمەنكىنىڭ سودا پۈتۈشۈش مىقدارى ئەكسىچە ناھايىتى يۇقىرى بولدى، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس» دېدى.
بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە كەلگەن كارخانىلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ 26 ئۆلكە، رايون، شەھىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىشلەپچىقرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى بىردەك ھالدا ئۆمەك تەشكىللەپ يەرمەنكىگە قاتناشتى، 46 دۆلەت ۋە رايون يەرمەنكىگە كەلدى. يەرمەنكە سېتىۋالغۇچى سودىگەر، مەبلەغ سالغۇچى سودىگەر ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى سەييارە سودىگەرلەر بولۇپ، 20 مىڭغا يېقىن سودىگەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، يەرمەنكىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلارنىڭ سانىلا 100 ئادەم(قېتىم)غا يەتتى. لى جىڭيۈەن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:«گەرچە بۇ يەرمەنكە جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كىچىكرەك بولسىمۇ، بىراق، كۆرگەزمە سارايلىرىغا كىرگەنلەر ئىچىدە كەسپىي ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ سانى 4000 ئادەم(قېتىم)غا يېتىپ، يەرمەنكىنىڭ كەسىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارادىكى كەسپىي كۆرگەزمىلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، داڭلىق ماركا يارىتىمىز دەيدىكەنمىز، كەسپلەشكەن يولدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىمىز كېرەك» دېدى.
بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە «ئىخچام، سەرخىل، كەسپىي» بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، توقۇمىچىلىق-كىيىم-كېچەك كەسپى كۆرگەزمىسى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى-يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئىككى ئاساسلىق كۆرگەزمە رايونى، ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى، قول ھۈنەر نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كۆرگەزمىسى ۋە چەت ئەل نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئۈچ قوشۇمچە كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن. بەش كۆرگەزمە رايونىغا 1955 ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنىتەسىس قىلىنغان، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن 824 كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىز كارخانىلىرى 622 بولۇپ، %75.5نى، چەت ئەل كارخانىلىرى 202 بولۇپ، %24.5نى ئىگىلىگەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved