يەرشارى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
يەر شارى تورىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەنكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،4-ئاي رىۋاندا چوڭ قىرغىنچىلىقى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق ئاي كۈن ئىكەن ، رىۋاندا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈندىن باشلاپ يۈز كۈنلۈك خاتىرىلەش كۈنىنى باشلىۋەتتى ،شۇ ئارقىلىق ئەستە تۇتۇش ئىتتىپاقلىشىش ،نىجاتلىققا ئېرىشىش تېمىسىدا 20يىلى بۇرۇن يۈز بەرگەن چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەيدىكەن ،رىۋاندا ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى 7-چېسىلا چۈشتىن بۇرۇن پايتەخىت كېگالىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا مەشئەلگە ئوت يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ،ئارقىدىنلا ھۆكۈمەت دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ،ب د ت نىڭ باش كاتىبى بانكىمون ،ئافرىقا ئەللىرى ئىتىپاقىنىڭ رەئىسى زوما ،ھەمدە ئون نەچچە ئافرىقا دۆلىتىنىڭ باشلىقلىرى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى .
1994-يىلى 4-ئايدا رىۋاندا زۇڭتۇڭى خوتىن مىللىتىدىن بولغان خاۋا يارايما ئولتۇرغان ئايروپىلان كېگالىدا باشقۇرۇلدىغان بومبا تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئىكەن ،شۇنىڭ بىلەن تۇسىلاغا قارىتىلغان قانلىق ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى باشلىنىپ كەتكەن ،قىسقىغىنا يۈز كۈندە مىليونلىغان ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن ،بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇسىلا ،ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئېرىقى قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى بولسىمۇ لېكىن رېۋاندادىكى خوتىلا بىلەن تۇسلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى زىدىيىتى بۇنىڭغا يۇشۇرۇن سەۋەب بولغان ،بۇلاردىن باشقا غەربلىكلەر رىۋاندا مۇستەملىكە قىلغان مەزگىللەردە ،قەبىلە زىدىيىتى پەيدا قىلىپ ،ۋەزىيەتنى كەسكىن ھالەتكە ئەكىلىپ قويغانلىقىمۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان .قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندە خەلقئارا جەمئىيەت ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ،ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا كەڭ قورساق بۇلۇشقا مۇراجەت قىلىپ كەلگەن .
مۇخبىر زىيارەت مەزگىلىدە :‹قۇلۇمدا رىۋاندا ئاھالىسىنىڭ كىملىكى بار ،1994-يىلى رىۋاندا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن رىۋاندا ھۆكۈمىتى كىملىكتىكى مىللەتكە ئالاقىدار مەزمۇننى ئۆچۈرۋەتكەن ئىكەن ،ھەمدە خۇددى ئۇلارنىڭ زۇڭتۇڭى زاۋۇل كاگامۇل ئېيتقاندەك مەيلى سىز خوتو مىللىتىدىن بۇلۇڭ ياكى تۇسىلا مىللىتىدىن بۇلۇڭ ،سىز ئالدى بىلەن رىۋاندالىق دېگەن ئىدىيەنى تەشۋىق قىلغان ›دېدى .
رىۋاندا ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىقتا ھايات قالغانلارغا يەر ۋە ئىقتىسادىي تۆلەم بەردى ،يەنە ئاھالىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ،پسىخىكا جەھەتتىن خىزمەت ئىشلەشنى چىڭ تۇتتى ،ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە رىۋاندا خەلقى ئۆچ ئاداۋەتنى تۈگىتىپ ،ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ ،ھازىرقى تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش يولىنى تاللىغان .ئىلگىرى ئۆچلىشىپ بىر بىرىنى ئۆلتۈرگەن ئىككى ئائىلە ھازىر قۇدىلاشتى .
رىۋاندا ھۆكۈمىتى مىللىي يارىشىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى ،ئۆتكەن ئون يىلدا رېۋاندانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى 8%كە يەتتى ،نامراتلار 20يىل ئىلگىرىكى 77%تىن ھازىرقى 45% كە تۆۋەنلىگەن .ب د ت نىڭ مىڭ يىل پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە ،رىۋاندا ئافرىقا ئەللىرى ئىچىدە بىرنىچى ئورۇندا تۇرىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved