ئالما شىركىتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭى ئايفوننى ئېلان قىلىدىكەن

      چەتئەل ئاخبارات ۋاستىسى-<بۈگۈنكى ئامېرىكا> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى كېلەر ئايدا يېڭى نۇسخىدىكى تۆت دىيۇملۇق ئايفون يانفونىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ،ئالما شىركىتى مۇشۇ يانفون ئارقىلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى تۆت دىيۇملۇق يېڭى ئايفون يانفونىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېڭى نۇسخىدىكى iPad تاختا كومپىيوتېرى ۋە يېڭى نۇسخىدىكى Apple Watch ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنى ئېلان قىلىدىكەن.

      ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، 3-ئايدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش ھەيران قالارلىق ئىش بولۇپ ھېساپلانمايدۇ، يەنە ئالما شىركىتى ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا Apple Watch ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالما شىركىتى 3-ئايدا كۆپىنچە iPad يۈرۈشلۈك تاختا كومپىيوتېر مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ يىل يېڭىدىن ئېلان قىلىنىدىغان ئايفون يانفونىغا iPhone 5se دەپ نام بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ يانفونغا تۆت دىيۇملۇق چەكمە ئېكران سەپلىنىلىدىكەن. ئالما شىركىتى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان iPhone 6s يانفونى بىلەن 6s Plus يانفونلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4.7 دىيۇملۇق ۋە 5.5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەنىدى. يېڭىدىن ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان iPhone 5se يانفونىغا A9 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىلىدىغان بولۇپ،بۇ يانفون يەنە 6s يانفونىغا قوللىنىلغان Live Photos قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلىنىدىكەن.

         تۆت دىيۇملۇق iPhone 5se يانفونىنىڭ ئۇقۇم لايىھىسى

  ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۆتكەن پەسىلدىن باشلاپ، ئالما شىركىتى iPhone يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىزچىل ھالدا ئاشماي ئۆز ئىزىدا توختاپ قالغان، ھەتتا بۇ پەسىلدە iPhone يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىدا تۆۋەنلەپ كېتىش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئالما iPhone يانفونلىرىنىڭ 2-پەسىلدىكى سېتىلىش مىقدارىمۇ ۋال سىترىت كوچىسىنىڭ پەرىزىدىكىدىن تۆۋەن چىققان.

 iPhone 7يانفونىغا قارىتا پەرەزلەر



خەتكۈچلەر:
03-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-03-2016
لېيجۈن :مەن ھەركۈنى 3مىنۇتتا چۈشلۈك تاماق يەيمەن مېنىڭ ئاجىزلىقىم مەن باشقىلارغا دېيەلمەيمەن .باشقىلارنى خا پا قىلىپ قويۇشنى خالىمايمەن . مەن بەك يۈزۈم چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىمەن ، شۇڭا مەن بۇ ئۇرۇندا بەك ھارىمەن . لېي ج...
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
Powered by Leglek