كىرىمل سارىيى ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىسنى ئۈزدى

ئامېرىكىدىن كېيىن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە رۇسىيەنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاشنى ئارقا-ئارقىدىن جاكارلىدى. كىرىمل سارىيى ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىسنى ئۈزدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 28-ئاپرېل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى جازالاش تىزىملىكىگە 15 ئادەم قوشۇلدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۇلارغا ۋىزا بېرىشنى چەكلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى مۈلۈكىنى توڭلىتىدۇ.
رۇسىيە ئاخبارات تورى 29-ئاپرېل خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن 23 رۇسىيە ئەمەلدارىنى ۋىزا جەھەتتىن جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ياپونىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قاتنىشىشى مۇمكىن بولغان 23 ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى جازالايدۇ، ئۇلارنىڭ ياپونىيەگە كىرىشىنى چەكلەيمىز. ئامېرىكا رۇسىيەنى يېڭى بىر نۆۋەت جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، كىرىمل سارىيى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىش ئىشىكىنى تاقىدى.
قىرىم كىرزىسىدىن بۇيان، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما قەرەللىك تېلفوندا سۆزلىشىپ تۇردى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاشنى جاكارلىغان پەيتتە، پۇتىن بۇ خىل ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشكە خاتىمە بېرىش كېرەكلىكىنى قارار قىلدى. رۇسىيە رەھبەرلىك قاتلىمىغا يېقىن دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ھازىر كىرىمل سارىيى ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى توختاتقان.

 

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى تور بېكىتى 29-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كىيۋ دائىرىلىرىنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقى جەنۇبىدىكىلەر بىلەن بىرگە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تۈزۈمى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇرلاش كېرەك. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋاشىنگتوننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ رۇسىيەگە يېڭىدىن دوستانە بولمىغان پوزتسىيە قوللاندى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېڭىدىن ماقۇللىغان جازالاش تەدبىرى رۇسىيەنىڭ قايتۇرما ئىنكاسىنى قوزغىماي قالمايدۇ.
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يامانلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، موسكۋانىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رولى تېز ئۆستى. كۇبا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. 2-ئاينىڭ ئاخىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شايىگۈ مۇنداق دېگەنىدى: رۇسىيە چەتئەللەردىكى ھەربىي بازىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن كۇبا، ۋېنېسۇئېلا ۋە نكاراگۇئانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. كېيىن موسكۋا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى بازا ئامېرىكىچە ھەقىقىي بازا بولماستىن بەلكى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ماددىي ئەشيا تەمىناتى ۋە رېمونت پونكىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ھەر قانداق ھەربىي مەۋجۇدلۇقىنى نەيزە دەپ قارايدۇ. ئۇكرائىنا كىرزىسى يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، رۇسىيەنىڭ بىر رازۋېدكا پاراخوتى ھاۋانادىكى بىر پورتتا پەيدا بولدى، ۋاشىنگتوننىڭ بۇنىڭغا بولغان ئالاھىدە ئىنكاسى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

 



خەتكۈچلەر:
01-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek