چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، Oracle شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى سوتتا گۇگېل بايرىقى ئاستىدىكى ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ ھازىرغىچە 31 مىليارد دوللار كىرىم ياراتقانلىقى، بۇنىڭ ساپ پايدىسى 22 مىلياردقا يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىۋەتكەن. گۇگېلنىڭ قارىشچە، بۇ سان-سىفىرلارنى سىرتقا ئاشكارىلاشقا بولمايدىكەن. ئەمما، بۇ Oracle بىلەن گۇگېل ئوتتۇرىسىدىكى دەۋا جەريانىدا ئاشكارىلانغان.
Oracle شىركىتى گۇگېل ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ ئۇ تەتقىق قىلىپ چىققان Java تىلى ئارقىلىق ئېچىلغانلىقىنى، ئەمما گۇگېلنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن Oracle غا مۇناسىپ ھەق تۆلىمىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. 14-يانۋار، Oracle شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى سوتتا گۇگېلنىڭ مەخپىي مالىيە ئۇچۇرلىرىغا ئائىت ئانالىز خاراكتېرلىك مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىۋەتكەن. گۇگېل شىركىتىنىڭ سوتقا تاپشۇرغان ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، Oracle ئادۋوكاتى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار گۇگېلنىڭ مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان مالىيە ھۆججىتى ئىكەن.
«بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گۇگېل ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ تاۋارلىشىش كۆلىمى ناھايىتى زورىيىپ كەتكەن.» دەيدۇ Oracle شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى سوتتا، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ تىلغا ئالغان ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ كىرىم ۋە ساپ پايدىسىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئىلگىرى ئەزەلدىن ئاشكارىلىنىپ باقمىغان ئىكەن.
ئاندىرويىد سىستېمىسى 2008-يىلى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئىككى خىل ئۇسۇلدا گۇگېل ئۈچۈن كىرىم يارىتىپ بېرىدۇ: بىرى، گۇگېل ئاندىرويىد يانفونلىرىغا ئېلان تارقىتىدۇ. يەنە بىرى، گۇگېل ئۆزىنىڭ كۆچمە ئەپ بازىرى Google Play ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ.
ھالبۇكى، گۇگېل شىركىتى ئەزەلدىن ئاندىرويىد كەسپىنىڭ يەككە كىرىم ۋە پايدا ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ باقمىغان ئىكەن. گۇگېل شىركىتى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان ماتىرىيالدا دېيىلىشىچە، سىرتقا ئاشكارىلانمىغان بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، ئاشكارىلىۋېتىلسە، گۇگېل شىركىتىگە ئېغىر سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىكەن.
Oracle بىلەن گۇگېل ئوتتۇرىسىدىكى بۇ دەۋانىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان بولۇپ، گۇگېل شىركىتى بۇ دېلونى ئامېرىكىدىكى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىنغان. نۆۋەتتە، بۇ دېلو قايتىدىن سان-فىرانسىسكو يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن، يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى William Alsup مەسئۇل بولغانىكەن. Oracle ھازىر گۇگېل ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ ھوقوققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دائىرىسىنى يېڭى نەشىردىكى سىستېمىغىمۇ چېتىۋالغاچقا، ئۇلار تەلەپ قىلغان تۆلەم سوممىسى بىر مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved