شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 10-مارتتىن باشلاپ ‹‹شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى›› شەھەرلەر ئارا پويىزىغا ئولتۇرغان يولۇچىلار پويىزدا تار دائىرىلىك توردىكى ھەقسىز WIFI دىن پايدىلىنىپ كىنو كۆرەلەيدىكەن.
9 -مارت مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مارتتىن باشلاپ ‹‹شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى›› شەھەرلەر ئارا پويىزىدا كەينى-كەينىدىن ھەقسىز WIFI ئېچىۋېتىلگەن ھەمدە 1-دەرىجىلىك ئورۇن ۋاگونىغا تېلېۋىزور ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2015-يىلى تۆمۈريول تارماقلىرى بىر تۈركۈم يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق پويىزنى ئۆزگەرتىپ، شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان ھەر بىر پويىزدا يۇمشاق ئورۇندۇق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يولۇچىلار پويىزغا چىققاندىكى ئازادىلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. بۇلتۇر 1-مايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن قاراماي، كۇيتۈن، شىخەنزىگە قاتنايدىغان ‹‹شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى›› ناملىق يولۇچىلار پويىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ پويىزغا يېڭى تىپتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان، يەتتە قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگون، بىر يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق ۋاگون ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ پويىزدا بىر قېتىمدا 892 يولۇچىنى توشۇغىلى بولىدۇ، پويىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 140 كىلومېتىرغا يەتكەن.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچى توشۇش باشقارمىسى تارقاتقان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 28-فېۋرال ‹‹شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى›› شەھەرلەر ئارا يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئىشقا كىرىشكەنلىكىگە 304 كۈن بولغان بولۇپ، بۇ پويىز جەمئىي 1 مىليون 920 مىڭ يولۇچى(ئادەم / قېتىم) توشىغان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6315 يولۇچى (ئادەم / قېتىم) توشىغان، ھەر قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدىكى يولۇچىلارنىڭ ئورۇندا ئولتۇرۇش نىسبىتى %95 تىن ئاشقان.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يولۇچى توشۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىنجاڭدىكى يولۇچىلار پويىزىدا تۇنجى قېتىم ھەقسىز WIFI تورىنىڭ ئورنىتىلىشى ئىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved