جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ قارارى بويىچە، 1-مارتتىن باشلاپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى قەرزى ۋە ئامانەت پۇل تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى چۈشۈرۈلىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەخسىيلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرزى ئۆسۈم نىسبىتى 2-مارتتىن باشلاپ رەسمىي چۈشۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرزىگە ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئايدا تۆلەيدىغان قەرزى ئازىيىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 2-مارت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەخسىيلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى ئۆسۈم نىسبىتى تەڭشەلگەندىن كېيىن، بەش يىل ئىچىدىكى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پىرسەنت پوئىنتى چۈشۈرۈلۈپ، تەڭشىلىشتىن بۇرۇنقى %3.75 دىن تەڭشەلگەندىن كېيىنكى %3.5 كە چۈشۈرۈلىدىكەن. بەش يىلدىن يۇقىرى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پىرسەنت پوئىنتى چۈشۈرۈلۈپ، تەڭشىلىشتىن بۇرۇنقى %4.25 دىن تەڭشەلگەندىن كېيىنكى %4 كە چۈشۈرۈلىدىكەن.
1-مارتتىن كېيىن تارقىتىلغان ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرزىدە يېڭىدىن تەڭشەلگەن قەرز ئۆسۈم نىسبىتى ئىجرا قىلىنىپ، 1-مارتتىن بۇرۇن تارقىتىلغان قەرزلەر 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىپ، ئايلىق قەرز قايتۇرۇش قىممىتىمۇ تەڭشىلىدىكەن.
2014-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى 15 مىڭ 139 ئىشچى-خىزمەتچىگە 3 مىليارد 830 مىليون يۈەن شەخسىي ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرزى تارقاتقان.
بۇلتۇر دۆلىتىمىز ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرزىنى بوشىتىش يېڭى سىياسىتى ۋە ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى يېڭى سىياسىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلتۇر 11-ئايدا مەركەز بانكىسى ئامانەت قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەپ، ئۈرۈمچى ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى ماس قەدەمدە چۈشۈرۈپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەڭشەش ئېلىپ بارغان.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved