2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2-قېتىملىق دۇنيا ئىنتىرنىت تورى يىغىنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭۋۇجىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىدۇ.
2-ئايدا مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك
گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، تۇنجى بولۇپ تور ساھەسىدىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى
ئوتتۇرىغا قويغانىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئىستراتېگىيە يەنە 35 باسقۇچلۇق ساغلام جەمئىيەت قۇرۇش
پىلانىنىڭ مۇھىم تۇتقىلىق خىزمىتىگە ئايلانغانىدى.
ئون سەككىزىنچى نۆۋەتلىك 5 ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى «35-بەش يىللىق پىلان تەكلىپى» دە تور ساھەسىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك، مۇقىم، بىخەتەر بولغان تور مۇھىتى قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
سېلىنىدىغان سېلىنمىنى زورايتىشمۇ تەشەببۇس قىلىندى.
دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇتەخخەسسىسلەر دائىمىي يىغىنىدا مۇتەخەسسىس نىڭ جىيا جۈن تاراتقۇلار
مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھازىر يېڭىچە بىر دەۋىرنى
كۈتىۋالدى، لېكىن تور ساھەسىدىكى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا دۆلىتىمىز تور ساھەسىدىكى تايانچ
كۈچلەرنىڭ ئاز بولۇشى، تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاز بولۇشى قاتارلىق
توسالغۇلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشى كېرەك» دېگەن.
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى شى جىنپىڭ مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك
گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق يىغىندا شى جىنپىڭ رەئىس مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تور بىخەتەرلىكى
ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە سىياسىي بىيۇرۇ دائىملىق ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىقلار
بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بۇ قېتىملىق يىغىندىمۇ رەئىس شى جىنپىڭ قايتا قايتا تور ساھەسىدىكى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش
توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تور ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن
تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېخەتەر، مۇقىم بولغان تور شارائىتى بەرپا قىلىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم
ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى رەئىس شىجىنپىڭ ئەتە ئىچىلىدىغان دۇنيا ئىنتىرنىت تورى يىغىنىدا تېخىمۇ مۇھىم بولغان تەدبىر چارىلەر ۋە پىلان لاھىيلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يىتەكلەپ، جوڭگۇنى ئىسمى جىسمىغا لايىق تور ساھەسىدىكى تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغۇسى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved