ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ياۋا تەبىئەت تەتقىقات ئورنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئېكىلوگىيە ئالىمى Derek Lee نەچچە كۈن بۇرۇن تانزانىيە تارانگىرە دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئاق رەڭلىك زىراپە ئومونىڭ رەسىمىنى تارتىۋالغان. ئەينى چاغدا بۇ زىراپە باشقا ھەمراھلىرى بىلەن بىللە دەرەخزالىقتا ئايلىنىپ يۈرگەنگەن.
Derek Lee نىڭ ئېيتىشىچە، ئومو ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ نۇرغۇنلىغان تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ رەڭ پېگمىنتى ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ تېنى مۇشۇنداق ئاق رەڭنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق رەڭ ئاقىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك ئۇنداق ئاق ئەمەس بولۇپ، ئىككى كۆزىمۇ قىزىل ياكى كۆك ئەمەسكەن. بۇ خىل ئەھۋال بىر خىل ئېرسىيەت قېلىش ئەھۋالى ئىكەن. ئومو نۆۋەتتە ئاشكارلانغان بىردىن بىر ئاق رەڭلىك زىراپە بولۇپ، لېكىن پەن-تېخنىكا ئالىملىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يەردە ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بۆكەن، سۇ كالىسى ۋە تۆگىقۇش قاتارلىقلارنى بايقىغان.
Derek Lee يەنە مۇنداق دېگەن: ئومو باشقا زىراپىلەر بىلەن ناھايىتى ئىجىل ئىناق ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۇ دائىم بىر توپ رەڭگى نورمال بولغان زىراپىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. باشقا زىراپىلەر بولسا بۇ زىراپىنى رەڭگى سەۋەبلىك چەتكە قاقمايدىكەن. ئومو ھازىر 15 ئايلىق بولغان بولۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ياشاپ كەلمەكتە. ئومونىڭ چوڭلاش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، لېكىن يېتىلگەن زىراپە دائىم كىشىلەرنىڭ ئوغرىلىقچە ئوۋلايدىغان نىشانى بولۇپ قالدىكەن. رەڭگى ئوخشىمىغاچقا ئومو بەلكىم تېخىمۇ چوڭ ئوۋلىنىش خەتىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved