رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموۋ بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئىككى تەرەپلىك ھەمدە خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىلىرىنى كېڭەشكەن.
داۋۇتئوغلۇ ئاستانىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئىككىسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى ھەمدە سودا، چېگرا ھالقىغان ترانسپورت ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
مەسىموۋ سۆھبەتتە:«بىز كىچىك دائىرىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەمدە رايونلۇق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇق» دېدى.
ئۇ يەنە تولۇقلاپ:«سىزنىڭ باش مىنىستىر سۈپىتىڭىز بىلەن تۇنجى قېتىم قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا، سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرى سالاھىيىتىدە كۆپ قېتىم زىيارەتكە كەلگەن ھەمدە دۆلىتىمىزنى ئىنتايىن چۈشىنىسىز. بۇ شەك-شۈبھىسىزكى بىزنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved