شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، روسىيىنىڭ سۇ-24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى سۈرىيە-تۈركىيە چېگرىسىدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى، ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچى پاراشوت بىلەن سەكرىدى. تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى ئۇچقۇچى پاراشوت بىلەن سەكرىگەندىن كېيىن بىر ئۇچقۇچى قازا قىلغان، يەنە بىرسى بولسا سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.
جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-نويابىر تېلىگىراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-نويابىر روسىيە تۈركىيىنىڭ سۈرىيە چېگرىسىدا روسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىك قىلمىشىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئىقتىسادىي چەكلەش يۈرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىغان.
روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۆزى ئىمزا قويغان بۇ ئىقتىسادىي چەكلەش لايىھەسىگە بىر قىسىم تۈركىيە ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش، تۈركىيە كارخانىلىرىنىڭ روسىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ھەمدە روسىيە كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەلىكلەرنى ياللاپ ئىشلىتىشىنى چەكلەش، روسىيە-تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۆتۈرۈگە ئېلىنغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىلىرىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ماددىلار كىرگۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە بۇ چەكلەش لاھىيىسى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە ئەلبېشى ئەردوغان تۇنجى قېتىم روسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن روسىيەدىن كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئەردوغان يەنە پۇتىن بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن پۇتىن تۈركىيە كەچۈرۈم سورىسا ئاندىن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
27-نويابىر ئەردوغان روسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ «ئوت ئوينىغانلىق» بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، روسىيە بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە روسىيە ئىككى دۆلەت ساياھىتىدىكى ۋىزىسىز كىرىپ چىقىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
تۈركىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇھىم ئىقتىسادىي ئالاقە بار، روسىيە تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھى، بۇلتۇر ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق روسىيەلىك ساياھەتچى تۈركىيەدە ساياھەتتە بولغانىدى.
روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ باياناتچىسى 28-نويابىر روسىيەدە تەخمىنەن 90مىڭدىن ئارتۇق تۈركىيەلىكنىڭ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشقاندا روسىيەدىكى تۈركىيەلىكلەرنىڭ 200مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى تۈركىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي چەكلەش لايىھەسىدە يەنە روسىيە ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنى تۈركىيە ساياھىتىگە تەشكىللىمەسلىكى تەلەپ قىلىنغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بەك مۇھىم ئىش بولمىسا ئامال بار روسىيەگە بارماسلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved