شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدىن رۇسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دون دەرياسى بويىغا جايلاشقان روستوۋ شەھىرىگە ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانى رۇسىيەدە ئايرودرومغا قونۇۋاتقان چاغدا چۈشۈپ كېتىپ ئايروپىلاندىكى 62 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى. رۇسىيە جىددىي ئەھۋال كومىتېتى تەمىنلىگەن ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، تالاپەتكە ئۇچرىغان ئايروپىلاندىكى 62 ئادەمنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى رۇسىيەلىك بولۇپ، ئاز بىرقىسمى ئۇكرائىنا، ئىسپانىيە، ھىندىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر ئىكەن. رۇسىيە تاراتقۇلىرى 19-مارت كەچتە بىر قىسىم تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى ئېلان قىلدى.
«جەننەتتىكى توي مۇراسىمى». ئالىكساندىر بىلەن ئوۋلگا تويدىن ئىلگىرى دۇبەيگە ساياھەتكە چىققان ئاشىق-مەشۇقلار ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە بۇ يىل يازدىلا توي قىلىشقا پۈتۈشكەنىدى. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوۋلگانىڭ 20 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە سەپەرگە چىققان يەنە ئالىكساندىرنىڭ ھەدىسىمۇ بار ئىدى.
روستوۋ شەھەرلىك بىرىنچى دوختۇرخانا ھۆسن تۈزەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئوۋلېگ چېسكىيوفمۇ بۇ قېتىمقى ئايروپىلان ھادىسىسىدە تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەرگە چىققانلاردىن يەنە ئۇنىڭ 35 ياشلىق خوتۇنى ۋىكتورىيە چېسكىيوف ۋە كىچىك ئوغلى گېيلېر بار ئىدى. ۋىكتورىيە يەنە ھامىلىدار بولۇپ، گېيلېر بولسا بۇ يىل 4-ئايدا ئالتە ياشقا كىرەتتى.
روستوف شەھەرلىك ئاۋام پالاتانىڭ ئەزاسى، روستوۋ شەھەرلىك ئىككىنچى دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ئېگىل پاركوس بىلەن ئايالىمۇ بۇ ئايروپىلاندا بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە قۇرامىغا يەتكەن ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
تالاپەتكە ئۇچرىغان 62 ئادەمنىڭ ئىچىدە 16 نەپىرى رۇسىيەلىك ئەمەس بولۇپ، ئايروپىلان خادىمى ئېرام ئالكىس دومىنىك ۋەقەدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۆزى تارتقان ئاۋىياتسىيە سۈرىتىنى ئېلان قىلغانىدى.
تالاپەتكە ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ باشلىقى، 38 ياشلىق ئارىستوس سوكراتوس بولسا سېپرۇسلۇق ئىدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved