ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىتىش ئۈچۈن 55 پىدائىي ئەۋەتتى
رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى» نىڭ 22 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ غەربىگە 55 نەپەر پىدائىي ئەۋەتكەن، بۇ پىدائىيلار شۇ يەردە ئىككى يىل خىزمەت قىلىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ بىر تۈركۈم ئامېرىكا پىدائىيلىرى ئۆز دۆلىتىدە ئىككى ھەپتە تەربىيەلىنىدىكەن. ئاندىن ئۇكرائىنانىڭ غەربىي تەرىپىگە بېرىپ، شۇ جايدا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىتىدىكەن، ھەمدە ياشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىغا قاتنىشىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنادا خىزمەت قىلىش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدىكەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتكەن 48 – تۈركۈمدىكى پىدائىيلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇندىن بۇرۇن بەزى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلگەن، 2016 – يىل ئامېرىكا ئۇكرائىنانى 658 مىليون دوللار قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved