ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى سايە كابېنتىنىڭ قانۇن ۋە سودا ئىشلىرى ۋەزىرى داۋىدسون ئالدىنقى كۈنى لخاسادا ئېچىلغان «جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىياتى مۇھاكىمە يىغىنى»دا مۇنداق دېدى: غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىزاڭ توغرىسىدىكى نۇرغۇن خەۋەرلىرىنى دالاي لامانىڭ قىزغىن ھىمايىچىلىرى يازىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەلىكلەر شىزاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات يولىنى ھەقىقىي چۈشىنەمدۇ؟»، «شىزاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شىزاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى، لېكىن بۇنداق ياخشى تۇرمۇشنى غەرب دۆلەتلىرىدىكى خەلق ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلمىدى.»
داۋىدسوننىڭ گېپى دەرھال «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. باش ئىشتابى ئەنگلىيەگە جايلاشقان «ئەركىن شىزاڭ» تەشكىلاتى داۋىدسونغا ئېتىراز بىلدۈردى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى 14-چېسلا بۇ تەشكىلاتنىڭ سۆزىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئەگەر بۇ گەپلەر راست بولسا، بېيجىڭغا نىسبەتەن «تەشۋىقات سوۋغىتى» بولۇپ قالىدۇ، دېدى.
جۇڭگو زامانىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ جۇڭپىڭ 14-چېسلا «يەرشارى گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: شۈبىھىسىزكى، داۋىدسوننىڭ بۇ ئىپادىسى جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى ياخشى باشلىنىش. ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپادا شىزاڭ مەسىلىسى چەكلەنگەن رايون ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قاتناشقان بىر قىسىم خەلقئارا يىغىنلاردا ئاكتىپلىق بىلەن شىزاڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالسا يىغىنغا قاتناشقان باشقا ياۋروپالىقلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ.
ئۇلار جۇڭگونىڭ شىزاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە «نۇرغۇن مەسىلىلەر بار» دەپ قارايدۇ. ھازىر داۋىدسوننىڭ بۇ گەپلەرنى قىلىشى بىر قانچە يىلدىن بۇيان شىزاڭ سىياسىتىنى چەت ئەللەرگە چۈشەندۈرۈش خىزمەتلىرىمىزدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved