رۇسىيە «گېزىتلەر گېزىتى» نىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: «خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيەنىڭ سۇ-27 ۋە سۇ-30 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى دۇنيا بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇنغا كىرگەن.
ئېلان قىلىنغان دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدا جەمئىي 943 دانە سۇ-27 ۋە سۇ-30 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان بار بولۇپ، يەر شارىدىكى ھەربىي ئايروپىلان ئومۇمىي سانىنىڭ %6 ئىگىلەيدۇ.
دۇنيا بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغىنى ئامېرىكىنىڭ F-16 بەلگىلىك «جەڭ لاچىنى» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ F-16 بەلگىلىك «جەڭ لاچىنى» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانى يەر شارىدىكى ھەربىي ئايروپىلان ئومۇمىي سانىنىڭ %16 ئىگىلەيدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تىزىملىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغىنى ئامېرىكىنىڭ F-18 بەلگىلىك «چوڭ سېرىق ھەرە» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ F-18 بەلگىلىك «چوڭ سېرىق ھەرە» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانى يەر شارىدىكى ھەربىي ئايروپىلان ئومۇمىي سانىنىڭ %7 ئىگىلەيدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، روسىيەنىڭ مىگا-29 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى تىزىملىكتە بەشىنچى ئورۇندا، مىگا-21 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى تىزىملىكتە ئالتىنچى ئورۇندا، سۇ-25 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى تىزىملىكتە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved