لى كېچياڭ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ناپولىتانو بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن رىمدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ناپولىتانو بىلەن كۆرۈشتى.


لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ناپالىتانوغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى، ئىككى دۆلەت خەلقى بۇنىڭدىن نەپ ئالدى. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتى ۋە ئاسىيا ياۋروپا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئۆز-ئارا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشى- ئۆز-ئارا پايدا ئېلىپ تەڭ نەپكە ئېرىشىدىغان تاللاش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىتالىيەگە مەبلەغ سېلىشى چوڭقۇرلاشتى، دائىرىسى كېڭەيدى. بۇ ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆز-ئارا ئىچىۋېتىش ۋە بېرىكىش دەرىجىسىنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. جوڭگو ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ ئىتالىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بازار ئېچىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىتالىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا داۋاملىق مەدەت بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ناپولىتانو مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىياتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئىتالىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئالماشتۇرۇش، بىر-بىردىن ئۆرنەك ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد سودا، مەدەنىيەت، مەبلەغ سېلىش، كارخانىلار ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.



خەتكۈچلەر:
15-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
12-05-2016
      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ نېمۇرو يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بەختكە يارىشى بۇ قېتىمقى يەر تە...
12-05-2016
       5-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى پيۇڭياڭدا يېپىلغان بولۇپ، يىغىندا كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومېتىت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2-كۈنىدىن باشلاپ...
12-05-2016
     تۈركىيە ياۋرپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مىنىستىرى بوزكىر 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىكۇلتىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن...
12-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننىڭ پارتىيە ئىچىدە نامزاتلىققا ئېرىشىپ ھەمد...
12-05-2016
   5-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازا سىرتقى مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ نىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.    ...
12-05-2016
     دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باياناتچىسى ۋىئوسەيېر 9-ماي: ئاز دېگەندىمۇ 110 دۆلەتنىڭ ۋەكىل ئەۋەتىپ مۇشۇ ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغا...
12-05-2016
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇككېتوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېڭى نامزاتقا ئادىل بولغان يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 7-ئىيۇن كېلەر ...
Powered by Leglek