شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 27-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسسېتس ئىشتاتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننىدى ھۆكۈمەت ئىنىستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىدى
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 27-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسسېتس ئىشتاتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننىدى ھۆكۈمەت ئىنىستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئابې شىنزو ئىلگىرىكى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ھال سورىغۇچى ئاياللار›› مەسىلىسى توغرىسىدا ‹‹تەن سودىسىنىڭ قۇربانلىقلىرى›› دېگەن بىر سۆزنى يەنە تىلغا ئالغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 26-ئاپرېل كەچتە ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىغانىدى. ئابې شىنزو شۇ يەر ۋاقتى 29-ئاپرېل ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن، بۇ ياپونىيە باش ۋەزىرلىرى تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved