لەگلەك تورى تەرجىمىسى شۇ يەر ۋاقىتى 2014 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۇكرائىنادا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندىكى قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى پويىزنىڭ مۇزلىتىش ۋاگونىغا قاچلاپ يۆتكەپ كەتتى . بىر قىسىم جەسەت بار پويىز ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيدانغا يىراق بولمىغان Torez ۋوگىزالىدىن يولغا چىقىپ دونسىك شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى . پويىز بىكەتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيداندىكى ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلاشقان تەشكىلات جەسەت بار بەش ۋاگوننى تەكشۈردى .
ئۇكرائىنا مۇئاۋىن زۇڭلىسى گىلوسمان 20 - چېسلا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقى قىسىمدىكى خەلق قۇراللىق كۈچلەر مالايسىيا ئايروپىلانىدا ۋەقەگە ئۇچرىغانلارنىڭ جەسىتىنى يۆتكەش توغرىسدا دەسلەپكى كىلىشىم ھاسىل قىلدى . رڭسىيە خەلقئارا ئىشلار ئاگېنىتلىقى ئۇكرائىنانىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى گىلوسمانغا تېلىگىرامما ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى : ئۇكرائىنا مۇتەخەسىسلىرى بىلەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتتى بىرلىكتە ۋەقەگە ئۇچرغانلارنىڭ جەسىتىنى يۆتكەشنى نازارەت قىلىدۇ . ئۇكرائىنا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى شەرقىتىكى خاركىپ شىتاتىدىكى جىددىي ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزى قۇرۇپ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ياردم قىلىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved