جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-نويابىر تېلىگىراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 28-نويابىر پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى پاناھلاندۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋېررىس فىرانسىيىنىڭ ئېۋرىي شەھىرىدە مۇخبېرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن:«ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگراسىنى چوقۇم ياخشى باشقۇرمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتتى، بولمىسا بۇ يىل قىشتا بالقان رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە بىر قېتىم دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەن يەنە بىر قېتىم دەي، كىچىككىنە ياۋروپانىڭ سۈرىيەدىن كەلگەن بارلىق مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، مانا بۇ دەل بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سۈرىيە مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن تىرىشىپ ھەل قىلماقچى بولغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى . ھەر بىر دۆلەت سۈرىيە مەسىلىسىدە چوقۇم بەلگىلىك روللارنى ئۆتىشى ۋە بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئچىىدە مېنىڭ ئەڭ بەك تەكىتلىمەكچى بولغىنىم دەل پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى».
سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان تەخمىنەن تۆت مىليون سۈرىيىلىك يۇرت ماكانىنى تاشلاپ ئەتراپتىكى لىۋىيە، ئىئوردانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشتى. ياۋروپا دۆلەتلىرى بار ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ تارىختىكى ئەڭ چوڭ بولغان بۇ كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقاندا، سەئۇدىي ئەرەسبىتانى، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ سۈرىيە كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ۋېللىس
گەرچە ۋېللىس كۆچمەنلەر بىلەن تېرورچىلار دېگەن ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشتىن خېلىلا ساقلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسى قاتارلىق يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قىسىم تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدە كۆچمەنلەر ئامىلىنىڭ بىر چوڭ سەۋەبكە ئايلانغانلىقىنى، تېررورچىلارنىڭ كۆچمەنلەر ئېقىمى بىلەن قوشۇلۇپ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كىرىۋالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ 800 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن سۇ يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە زور كۆپ سانلىقى ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەنلەر ئىكەن.
گرېتسىيە بولسا كۆچمەنلەر ئەڭ كۆپ كىرگەن دۆلەت بولۇپ قالغان بولۇپ، گرېتسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ماكىدونىيە ھۆكۈمىتى گرېتسىيە بىلەن بولغان چېگرىسىنى سىم تور بىلەن توسۇۋەتكەن. ماكىدونىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ كۆچمەنلەرنى كىرگۈزمەسلىك نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت كىرگەن كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved