لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تۇنجى نۆۋەت ئاۋاز بېرىش شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاغۇست سائەت 17 دە ئاخىرلاشتى، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭلىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان %53ئاۋازغا ئېرىشكەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىۋاستە زۇڭتۇڭ سايلىمى بولۇپ، ئۈچ نامزات ئايرىم-ئايرىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئەردوغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ۋە مىللىي ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە نامزاتى ئېھسان ئوغلۇ ۋە خەلق دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى دەمىرتاش قاتارلىقلار. سايلامغا ئاۋاز بېرىش شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە باشلانغان، 50 نەچچە مىليون ئامما بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان.
تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 6:30 غىچە بولغان دەسلەپكى بېلەت ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ئەردوغان %53 ئاۋازغا، ئېھسان ئوغلۇ %38 ئاۋازغا ، دەمىرتاش %8.35 ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەردوغاننىڭ غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، دەپ قارىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved