ھىندىستان بىلەن پاكىستان يېقىندا تالاش – تارتىشتىكى كەشمىر رايونىدا كۆپ قېتىم توقۇنۇشتى ھەم بىر – بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئالدى بىلەن بۇزدى، دەپ ئەيىبلەشتى. لېكىن تەھلىلچىلەر: يېقىندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ھىندىستان – پاكىستان مۇناسىۋىتىگە تۈپتىن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى داۋاملىق مۇشەققەت ئىچىدە ئىلگىرىلەيدۇ، دەپ قارىدى.
ئىككى تەرەپ نېمە ئۈچۈن توقۇنۇشىدۇ؟
1 – ئۆكتەبىردىن 10 – ئۆكتەبىرگىچە، ھىندىستان چېگرا رايوندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ 42 قېتىم ھەرىكەت قوللىنىپ، پاكىستانلىق 12 بىگۇناھ كىشىنىڭ قازا قىلىشى، 52 بىگۇناھ كىشى ھەم توققۇز ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 1 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىر چېگراسىدا كۆپ قېتىم تۇتۇشتى. 6 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ، توقۇنۇش كەسكىنلەشتى. ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 11 – ئۆكتەبىرگە قەدەر توقۇنۇشتا 11 كىشى قازا قىلغان، 90 نەچچە كىشى يارىلانغان، 32 مىڭ كىشى چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن گېنېرال مايورى مېھتە 10 – ئۆكتەبىر ‹‹ھىندىستان ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى››دە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرادا توقۇنۇشۇپ قېلىشى نورمال ئەھۋال، پاكىستاننىڭ ھىندىستانغا تۇيۇقسىز ھوجۇم قىلىشى مودى ھۆكۈمىتىنىڭ 8 – ئايدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ھىندىستان – پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلار يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسى بولۇپ، مودى ھۆكۈمىتىنى سىناپ كۆرۈپ، كەشمىر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
پاكىستان ئۈچ ئارمىيە ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىدارىسى 9 – ئۆكتەبىر: ھىندىستان يېقىندا چېگرا لىنىيەسىدە پاكىستان دائىرىلىرىگە كۆپ قېتىم ئوت ئاچتى، پاكىستان دائىرىلىرى ئۇلارغا ‹‹لايىقى››دا جاۋاب قايتۇردى، دېدى. پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەسىف 9 – ئۆكتەبىر: پاكىستاننىڭ قوشنا دۆلەت ھىندىستان بىلەن قارشىلىشىش مەقسىتى يوق، پاكىستان چېگرادىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ قارشىلىشىشىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، دېدى.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قايتا سىناققا دۇچ كەلدى
بۇ يىل 5 – ئايدا، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف تەكلىپكە بىنائەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە بىر مەھەل ياخشىلىنىش بولدى. لېكىن، ئۇزاق ئۆتمەي، ھىندىستان سەۋەبسىزلا ھىندىستان – پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ كاتىپ دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە توسالغۇغا ئۇچرىدى.
يېقىندا ئۇدا توقۇنۇش يۈز بېرىش سەۋەبلىك، ھىندىستان – پاكىستان مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم سىناققا دۇچ كەلدى.
پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئەزىز 7 – ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، چېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ھىندىستاندىن دەررۇ توقۇنۇشنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىستان بارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە قاتلىمىدىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلدى، لېكىن ھىندىستان پاكىستاننىڭ چېگرانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەسىدە بولمىدى.
ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جايتىل 9 – ئۆكتەبىر: كەشمىرنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتىنى پاكىستان دائىرىلىرى سەۋەبسىزلا كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھىندىستان زەمبىرەك بىلەن جاۋاپ قايتۇردى، خالاس، دېدى.
ھىندىستان – پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟
كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىدى: ھىندىستان – پاكىستان مۇناسىۋىتى بەزىدە ياخشى، بەزىدە ناچار بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدا كەشمىر مەسىلىسىدىن ئىبارەت تۈپ ئامىل ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ ھالەت ساقلىنىدۇ. لېكىن، ئىككى تەرەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقىنى ساقلىشى، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىشى كېرەك.
ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن گېنېرال مايورى مېھتە مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستان چېگرادىكى تاساددىپىي توقۇنۇشلارغا كۆنۈپ قالدى، چېگرا توقۇنۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved