شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: شەھىرىمىزدىكى قاتناش شاۋقۇن بۇلغىنىشنى كونترول قىلىپ، قاتناش شاۋقۇنىنى دۆلەت مۇھىت ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاھالىلەرگە ياخشى قاتناش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بىر قىسىم رايون ( يول بۆلەكلىرى ) ئىچىدە سىگنال بېرىشىنى چەكلىگەن. 15-ئىيۇلدىن باشلاپ ۋەزىپە ئىجىرا قىلىدىغان قاتناش ساقچىلىرى سىگنال بېرىش مەنئىي قىلىنغان رايون ۋە يول بۆلەكلىرىدە سىگنال بەرگەن شوپۇرلارغا 50 يۈەن جەرىمانە قويىدىكەن.
1-ئىيۇل سائەت 11:30 دا، مۇخبىر غەربىي ئايلانما يولى «ۋىيشاڭ» مېھمانسارىيى يولى ئېغىزىدا، يول يۈرۈش سىگنال چىرىقى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئۆچرەتنىڭ كەينىدە تۇرغان شوپۇر چىراقىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئاڭقىرالماي تۇرغاندا كەينىدىن كەلگەن تاكسى شوپۇرى نەچچە قېتىم سىگىنال بەرگەن، يول ئېغىزىدا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى تاكسى شوپۇرىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، تاكسى شوپۇرى ئىنتايىن ئوڭايسىزلانغان.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى (1-ئىيۇل) قاتناش ساقچىلىرى بەلگىلەنگەن يول بۆلەكلىرىدە سىگىنال بەرگەن 183 شوپۇرنى ئاگاھلاندۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved