ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېڭى دورا بارلىققا كەلدى
سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى .دەسلەپكى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە ،بىر تۈرلۈك گېن بىلەن داۋالايدىغان يېڭىچە دورا ئەيدىز ۋىروسىدىن كېلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك يۇقۇملىنىشلارنى داۋالىيالايدىكەن .مۇتەخەسسىسلەر بۇ دورىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەيدىز ۋاكسىنىسى ئىشلىتىۋاتقانلارغا ئۈمىت ئېلپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئەيدىز ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپە ۋە زور خىرىسى .ئەيدىز ۋىرۇسى بايقالغىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا ،ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا بارلىققا كەلمىدى .ئىلگىركى ۋاكسىنىلار پەقەت ئەملەش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى . بۇ قېتىم تەتقىق قىلىپ ياسالغان دورا بىلەن ئەيدىز ۋىروسىدىن قوغدىنىش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . تەتقىقاتچىلارنىڭ >تەبىئەت ژۇرنىلى <دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى :>ئەيدىز ۋىرۇسى ئىمونىتلىق ھۈجەيرە يۈزىدىكى س د 4 قۇبۇل قىلغۇچى تەنچە ۋە س س ر 5 قۇبۇل قىلغۇچى تەنچە ئارقىلىق بەدەنگە سىڭىپ كىرىدۇ ،تەتقىق قىلىپ ياسالغان بۇ يېڭى دورا ئادەم بەدىنىدىكى بۇ ئىككى خىل قۇبۇل قىلغۇچى تەنچىنى توسىيدىغان توساق قىلىپ ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بىرىكىپ ۋىرۇسنى نېيتراللاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچىنى يوقىتىدۇ .
تەجرىبىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ خىل دورا ئىنسانلاردىكى بىر ۋە ئىككى تىپلىق ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تۈرلۈك ھالەتلىرىدىن يۇقۇملىنىشنى توسىدىكەن .ئۇنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى ھازىرقى ئۈنۈمى ۋ ئەڭ ياخشى بۇلۇۋاتقان ۋە ئەڭ كۇپ ئومۇملىشىۋاتقان ئەيدىزگە قارشى ۋاكسىنىدىن يۇقىرى ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
|
 |
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى
(1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
|
 |
يۈرەك بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ياكى مۇسكۇل زەخمىلەنگەندە، يۈرەككە قان يېتىشمەي، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك كېشەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەت يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ:
...
|
 |
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلەنگەن دورىخانىسى چوقۇم 24 سائەت دورا سېتىشى كېرەك.
شىنجاڭ ئۇيغ...
|
 |
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل كۆز ئالمىسىغا بىۋاسىتە ئۈسكۈنە كۆچۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان پاتېنت ئىلتىماس قىلغان.
گۇگىل بازارغا كىرىشكە ئامالسىز بولغان قارا تېخنىكىغا ئ...
|
 |
تولۇقسىز مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلاردىمۇ چاچ بالدۇر ئاقىرىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ ئىكەن ھەم ئادەمگە قاراپ ئوخش...
|
 |
نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن «سىز يالغۇزلۇق ھېس قىلامسىز؟» دەپ سورايدۇ، مەن ئۇلارغا «ئۇنداق ھېس قىلمايمەن، مۇھىمى سىز قايسى خىل ئىدىيەنى كۈچەيتىشكە باغلىق» دەپ جاۋاب بېرىمەن.
بەزى كىشىلەر يالغۇزلۇق بىلەن كېسەلنى بەكرە...
|
 |
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غەرب تېبابىتىدىكى قان تومۇر خاراكتېرلىك باش ئاغرىقلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلىشىش، يارتا قارىغۇلۇق قاتارلىق بېشارەتلەردىن كېيىن، بىر تەرەپ چاناق، چېكە ۋە پ...
|
 |
گۇگول شىركىتى يەنە قالتىس تېخنىكا چىقاردى! چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Googleيېقىندا بىر يېڭى پاتېنت تېخنىكىسى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا سۇيۇق ھالەتتتىن مۇقىم ھالەتكە ئۆزگىرەيدىغان مىكرو ئېلېكترونلۇ...
|
 |
زىيادە بېسىم تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر شىركەت كومپيۇتېرنىڭ مائۇسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بېسىمىنى ئۆلچەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە توكيو MedTec يىغىنىدا، Alps Electic شىركىتى بىر ...
|