يېرىم بەدەنلىك قىز چىيەنخوڭيەن مىيىپلار سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە شەرەپ قۇچتى

كۆزەتكۈچى تورى خەۋىرى: لەگلەك تورى تەرجىمىسى،1.سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، يۈننەن ئۆلكىسى 10.نۆۋەتلىك مىيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار 100 مىتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى. پۈشتەك ئاۋازى بىلەن تەڭ 6.مۇسابىقە يولىدىكى S6 دەرىجىلىك چىيەنخوڭيەن ۋە باشقا ئىككى نەپەر SB5 دەرىجىدىكى 100 مىتىرغا پاقىچىلاپ ئۈچۈش ماھىرى سۇغا شۇڭغۇدى (ئىزاھات: SB5 ۋە S6 دەرىجە دېگىنىمىز سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ مىيىپلىق دەرىجىسى بولۇپ، پاقىچىلاپ ئۈزۈش SB1 دىن SB9 غىچە توققۇز دەرىجىگە، باشقا ئۈزۈش تۈرلىدىن ئەركىن ئۈزۈش، كېپىنەكچىلاپ ئۈزۈش، يېتىپ تۇرۇپ ئۈزۈش قاتارلىقلار S1 دىن S10 غىچە جەمئىي 10 دەرىجە بولىدۇ).


چىيەنخوڭيەننىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ، ۋاسكىتبول قىزدۇر. بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى 2000.يىلى 10.ئايدىكى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە يۈننەن ئۆلكىسى لۇلىياڭ ناھىيەسى ماجيې كەنتى ئۈستۈنكى يېزىسىدىكى 4 ياشلىق قىز چىيەنخوڭيەننى ماشىنا ئاستىغا ئېلىپ كىرىپ ئۇنىڭ داس سۆڭىكىنىڭ ئاستى قىسمىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كېتىشى بىلەن، ئۇ بىر مىيىپ بالا بولۇپ قالدى. چوڭ دادىسى ۋاسكىتبولنىڭ ئازراق يېرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئاستى قىسمىغا قاپلاپ قويدى، يول ماڭغاندا، ئۇ ۋاسكىتبولغا تايىنىپ تۇرۇپ بىر جۈپ كىچىك قوللىرى بىلەن ئالاھىيدە ياسالغان ياغاچ تاختا ئارقىلىق بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن بەدىنىنى يۆتكەيتتى. شۇڭا كۆپچىلىك ئۇنى ۋاسكىتبول قىز دەپ چاقىرىدىغان بولدى.


2007.يىلى جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۇ بېيجىڭدىكى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يۈننەنگە قايتىپ كەلدى، ھەمدە ياش-ئۆسمۈرلەر سۇ ئۈزۈش كۇلۇبىغا تاللىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى كوماندا ئەزاسى بولۇپ قالدى. چىيەنخوڭيەن ئالدىنقى قېتىملىق يۈننەن مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 3 دانە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن، 2009.يىلى مەملىكەتلىك 18 ياشتىن تۆۋەن مىيىپلار سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە 1 ئالتۇن مېدال ۋە 2 كۈمۈش مېدالغا، 2010.يىلى جېجياڭ شاۋشىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك مىيىپلار سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە 3 دانە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

 



04-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
Powered by Leglek