1-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى-ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، جيۇجياڭ شەھىرىدىكى 18 ياشلىق لۇXX نىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 15:45 مىنۇت ئۆتكەندە بەدىنى تۇتاش ئوغۇل بوۋاق تۇغقان، ئېغىرلىقى 4.1 كىلوگىرام ئىكەن. نۆۋەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدا بەدەن ئايرىش ئوپېراتسىيە قىلىشنى كۈتىۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ 18 ياشلىق لۇXX نىڭ تۇنجى قېتىم ھامىلىدار بولۇشى بولۇپ، 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئۆلكىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى-ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت 4-بۆلۈمىدە تەكشۈرتكەن. Bچاۋدا قوشكېزەك بوۋاق بەدىنىنىڭ قورساق قىسمىدىن تۇتاش ھەمدە جىگىرىنىڭ ئۆز-ئارا تۇتاش ئىكەنلىكى كۆرۈنگەن. ھامىلىدار ئايال بىلەن ھامىلىگە قارىتا تەكشۈرۈش ۋە مۆلچەرلەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 8- چېسىلا 15:45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئانا-بالىلار ساقلىقنى-ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت 4-بۆلۈمىدىكى مۇدىر ۋىراچ ئوۋ ياڭيۈ بىلەن مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ خې شاۋجۈ بىرلىكتە تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلىش ئارقىلىق بەدىنى تۇتاش ئىككى ئوغۇل بوۋاقنى تۇغدۇرغان، ئېغىرلىقى 4.1 كىلوگىرام كەلگەن.
« بۇ ئىككى ئوغۇل بوۋاقنىڭ بەدىنى چىڭ تۇتاشقان بولۇپ، ئەگەر ھازىرلا بەدەن ئايرىش ئوپېراتسىيەسى قىلسا بۇ ئىككى بوۋاقنىڭ تېرىسى جىگىرىنى ئورىيالمايدىكەن. » ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى يەن پىڭلەن مۇخبىرغا، بۇ ئىككى ئوغۇل بوۋاقنى بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئاندىن بەدەن ئايرىش ئوپېراتسىيىسى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىگىلىنىشىچە، بەدىنى تۇتاش بوۋاقلار ئاز ئۇچرايدىغان تۇغما غەيرىيلىك بولۇپ، 50 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ھامىلىدارلار ئىچىدە پەقەت بىرسىلا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئۇرۇقلىنىپ 13-15 كۈنگىچە يۈز بېرىدىكەن. كۆپ ساندىكى بەدىنى تۇتاش بوۋاقلار تۆرەلمە دەۋرىدىلا ئۆلۈپ قالىدىغان بولۇپ، ھايات تۇغۇلۇش نىسبىتى تەخمىنەن 200 مىڭدا بىر بولىدىكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved