ئامېرىكا جۇڭگوتىلى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 1-نويابىر كەچ، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدىكى دېسنىي دۇنياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹سېھىرگەرلىك دۇنياسى›› ساليوتتا ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيتىدە، ساليوتتىن چىققان ئوت ئۇچقۇنى تاسادىپىي ھالدا ئەڭ يېڭى كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بولغان «يەتتە پاپا كان ۋاگونى» غا تۇتىشىپ كېتىپ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى كەچ سائەت 10:30 ئەتراپىدا، دېسنىي دۇنياسىدا ساليوتتا ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيتى ئەمدىلا تاماملىنىشىغا، ساياھەتچىلەر «يەتتە پاپا كان ۋاگونى» غا ئوت تۇتىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا بىخەتەر ماشىنىدىن چۈشۈۋالغاچقا، ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved