ئامېرىكا غارايىباتلار تورىنىڭ 2-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، گانانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدىكى خوبى شەھىرىنىڭ پادىشاھى بانسا ئەنئەنىۋى ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلىغا خاتىمە بېرىپ ، گىرمانىيەدە تۇرۇپ تور تېلېفونى ئارقىلىق پۇقرالىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بەنسانىڭ دادىسى ۋە ئاكىلىرى سولخاي ئىكەن ، خوبىدا سولخايلىق پاسكىنىلىق ۋە يالغانچىلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدىكەن . بەنسا 1987-يىلى چوڭ دادىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان . نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بانسا مەلۇم سەۋەب بىلەن گېرمانىيەگە بېرىپ ، بۇ دۆلەتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ھەمدە شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان . بەنسا پادىشاھلىقنى چوقۇم خوبىدا قىلىش زۆرۈر ئەمەس دەپ قاراپ ، تور تېلېفونى ئارقىلىق خوبىدىكى 200 مىڭ پۇقراغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ بىر يىلدا ئالتە قېتىم خوبىغا بېرىپ قەبىلىلەر ئارىسىدىكى ماجرالارنى ھەل قىلىدىكەن . ئۇ ھازىر ئايالى بىلەن گېرمانىيەنىڭ فىرانكفورت شەھىرىدە بىر ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش دۇكىنى ئاچقان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved