99ساغلاملىق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلىدىكى سالامەتلىكنى ئاسراش تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى‹‹ساغلام بولاي دېسىڭىز-ھاراق ئىچمەڭ، تاماكا چەكمەڭ، ئەتتىگەنلىك ناشتىنى چوقۇم قىلىڭ›› دېگەن ئۈچ جۈملىگە مەركەزلەشتۈردى. بۇنىڭدىكى ھاراق بىلەن تاماكىنىڭ زىيىنىنى كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن بىلىدۇ، لېكىن ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلماسلىقنىڭ زىيىنىنى كۆپلىگەن كىشىلەر ھازىرغىچە چۈشۈنۈپ كەتكىنى يوق.
خېلى كۆپلىگەن كىشىلەر بولۇپمۇ ياش خانىم-قىزلار ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا يېمەي،بەك كېچىكىپ يەيدۇ، نەتىجىدە بىر مەزگىلدىن كېيىن سالامەتلىكى ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئادىتىدىن كۆرمەيدۇ. شۇڭا ساغلام بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا قىلىش كېرەك.ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يېمىگەندە سالامەتلىك ۋە ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يېمىگەندە چوڭلار، ياش-قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنى ئورۇقلاتماي ئەكسىچە سەمرىتىدۇ، ئىممونىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئاياللارنىڭ چىراينى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ.بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزگەندىن سىرىت يەنە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي نورمال يېتىلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
تەتقىقاتچىلار 12 مىڭ كىشىنىڭ ناشتا قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تۆۋەندىكى خۇلاسىنى چىقارغان:
ناشتا قىلمايدىغانلاردا قاننىڭ يېپىشقاقلىق، قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى سەھەردە يۇقىرى بولىدىكەن، ۋاھالەنكى ناشتا قىلمىغانلارنىڭ قېنىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىش مۇمكىنچىلىكى ناشتا قىلىدىغانلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. شۇڭا، ناشتا قىلمايدىغانلار ئاسانلا يۈرەك ۋە سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئېشىپ كېتىدىكەن. كىلىنىكىدا بايقىلىشىچە، نۇرغۇن ئۆتىدە تاش پەيدا بولغان ئاغرىقنىڭ ناشتا قىلمايدىغان ناچار ئادىتى بار ئىكەن.
بۇنىڭ سەۋەبى، ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئاچ قورساق تۇرىدىغان ۋاقتى ئۇزاقراق بولۇپ يەنى ئالدىنقى كۈنى كەچتىن ئەتىسى چۈشكىچە بولۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خۇلېستېرىن تويۇنغان ھالەتتە بولۇپ، ئاسانلا ئۆت خالتىسىنىڭ ئىچىگە تىنىپ قالىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇ ئۆتتە تاش بولۇپ شەكىللىنىدىكەن. بەدىنى سېمىزرەك ئوتتۇرا ياش ئاياللار دائىم ناشتا قىلمىسا، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، تىببى پەن ئالىملىرى كۆپلىگەن سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا يېمەسلىكتىن بولىدۇ،دەپ قارىماقتا.
مەسىلەن، ئۆت ياللۇغى، ئۆت تېشى كېسەللىكى، ئاشقازان-ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى راك كېسەللىكى، قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ھۇشىدىن كىتىش قاتارلىق كىسەللىكلەر ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا يېمەيدىغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
![]() |
تاماكىنىڭ ساغلاملىققا پايدىسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ لېكىن تاماكىنىڭ يەنە ئادەملەرنىڭ ئەقىلنى كېسىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
يېقىندا ئەنگلىيە ئەبىردىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىق...
|
![]() |
1. دورا ئىچكەندە تاماكا چەكمەڭ.
2. ئاسپىرىننى ئىچكەندە ھاراق ۋە مېۋە شەربىتى ئىچمەڭ.
3. بېربېرىنى چاي بىلەن بىللە ئىچمەڭ.
4. بىروفىننى ئىچكەندە قەھۋە ۋە كولا ئىچمەڭ.
5. ئانتىبىيوتىك دور...
|
![]() |
بەلنىڭ چىم بولۇشى تۈرلۈك جىددىي خاراكتېرلىك بەل ئاغرىشتىن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار، شوپۇرلار ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
بەل چىم بولۇپ ئاغرىغاندا، مۇۋ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved