شىنخۇا تورى 21-ئىيۇل تېلېگراممىسى: ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى 21-ئىيۇل، ھەر توننا بېنزىن ۋە دىزېل ماينىڭ باھاسىنىڭ 245 يۈەن ۋە 235 يۈەنگە تەڭشىلىپ، ھەربىر لېتىر 90 - نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ 0.18 يۈەن ۋە 0.20 يۈەن چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئوقتۇرۇشقا ئاساسەن، يېڭىدىن تەڭشەلگەن باھا 21-ئىيۇل سائەت 24:00 دىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن .
بۇ، بۇ يىل ئىچىدە مەملىكىتىمىزدە تەييار ماي باھاسىنىڭ 5-قېتىم چۈشۈشى، شۇنداقلا چۈشۈش سالمىقى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق باھا تەڭشەش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى، جۇڭگو دېڭىز مېيى گۇرۇھى قاتارلىق ئۈچ چوڭ شىركەتنىڭ تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بازارنى مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved