يېقىنقى كۈنلەردە، ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى:«ھىندىستان ئارمىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى دانە P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلان پات ئارىدا مالاككا بوغۇزىدىكى ئاندامان تاقىم ئاراللىرىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ». جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئادەتتىكى ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ھەمدە يادرو سۇ ئاستى پاراخۇتى يېقىندا دائىم قانۇنىيەتلىك ھالدا ھىندى ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغاچقا، بۇ ھىندىستان تەرەپنىڭ بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىد شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ھىندىستان ئاندامان تاقىم ئاراللىرىغا بولغان مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتىپ، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭگو ئارمىيىسى سۇ ئاستى پاراخوت قىسمىدىن مۇداپىيەلىنىشى كېرەك.
ھىندىستان ئارمىيەسىدە نۆۋەتتە سەككىز دانە P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلان بار بولۇپ، تۇنجى P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلان 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ھىندىستان ئارمىيەسىگە سەپلەپ بېرىلگەندىن باشلاپ، ھىندىستان P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلاننى ئەڭ مۇھىم سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى جەڭ قىلىدىغان قورالى سۈپىتىدە، ھىندىستاننىڭ راجالى دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە بازىسىغا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدا ھىندىستانغا P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلاننى سېتىپ بىرىشتىكى مەقسىتى بولسا، ھىندىستاننى قوراللاندۇرۇپ، ھىندى ئوكيان رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان جۇڭگونىڭ سۇ ئاستى پاراخوت قىسمىغا قارشى تۇرۇش ئىدى. بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد 094 تىپلىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ پات ئارىدا ئېلىپ ئوق قاچىلاپ چارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ناھايىتى دىققەت قىلىدىغان ئىشى بولۇپ قالدى.
ھىندىستاننىڭ P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى قانداق؟ P8A تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلان بولسا، ئامېرىكا بۇرۇنقى P3C تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلاننى يېڭىلاش ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلان بولۇپ، ھىندىستان سېتىۋالغىنى بولسا، P8A تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلاننىڭ ھىندىستان نۇسخىسىدىن ئىبارەت. ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ھاسىل قىلغان ئالاقىدار كېلىشىمگە ئاساسەن، P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلانغا ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىر قىسىم تارماق سىستېمىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلغان ۋاقىتتىكى ئالاھىدە ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلان ھىندىستان ئارمىيەسىگە سەپلەپ بېرىلگەندىن كىيىن، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخـوتـىـغـا قـارشـى تۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ جانلىقلىققا ۋە تېخىمۇ كەڭ جەڭ قىلىش دائىرىسىگە ئىگە بولدى. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخـوتـىـغـا قـارشـى ئەمەلىي كۈچىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.
ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىگە سەپلەنگەن P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 39.47 مېتىر، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 37.64 مېتىر، ئېگىزلىكى 12.83 مېتىر، قۇرۇق ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 63 توننا، ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 86 توننا، ئەڭ چوڭ تېزلىكى 907 كىلومېتىر. سائەت بولۇپ، ئۇدا ئۇچۇش مۇساپىسى 8000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئەڭ ئېگىز ئۇچۇش ئىگىزلىكى 12496 مېتىر. P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلانىغا نۇرغۇن ئىلغار ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى قوللىنىلغان بولغاچقا، پەقەت ئىككى نەپەر ئۇچقۇچى ۋە 7 نەپەر سۇ ئاستى كېمىلىرىگە قارشى مەشغۇلات خادىمى بولسىلا، بۇ ئايروپىلاننى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيدۇ. P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلانىنىڭ گەۋدىسى ئىچىگە 100 دىن كۆپرەك سونارلىق لەيلىمە بەلگە سىغىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە Mk-46 تىپلىق ياكى Mk-50 تىپلىق تورپىدا، AGM-84 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، SLAM تىپلىق يىراقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان ھۇجۇمچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، موزاي ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھەر خىل تىپتىكى سۇ مىناسى ۋە چۆكمە بومبا قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.
ھىندىستاننىڭ P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلانى جۇڭگونىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قانداق تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ؟ پەقەت يۇقىرىقى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھىندىستان سېتىۋالغان P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلان بولسا، سۇ ئاستى پاراخـوتـىـغـا قـارشـى جەڭ قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كۆپ ئىقتىدارلىق مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلان بولۇپ، بۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى ئۇزۇن بولۇپلا قالماي يەنە سۈرئىتى تېز، ئىنتايىن كۈچلۈك سۇ ئاستى پاراخـوتـىـغـا قـارشـى جەڭ ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. بۇمۇ ھىندىستاننىڭ P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلاننى سېتىۋېلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.
جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوت قىسمىنىڭ ئۈزلۈكسىز دېڭىزغا چىقىپ مەشىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھىندىستانغا سەپلەنگەن P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلان كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيىسىگە نىسبەتەن ھىندى ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت بولماقتا.
ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچگە قارشى تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستانغا P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلاننى سېتىپ بېرىشمۇ، ئامىرىكىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ بىر قىسمى. ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىگە سەپلىنىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد 094 تىپلىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ھىندى ئوكيان رايونىدا ئۇرۇش تەييارلىقى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىگە ئالدىنئالا P8I تىپلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلىغۇچى ئايروپىلاننى سېتىپ بېرىشىمۇ، بالدۇرلا جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى قامال قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنى چەكلەيدىغان چېكىدىن ئاشقان قىلمىشى، جۇڭگو خەلقىنى ئىنتايىن غەزەبلەندۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved