يېقىندا، بېڭبۇ شەھىرىدىكى ساقچىلار بىر قېتىملىق ناھايىتى غەلىتە بولغان ئوغرىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى، شۇ يەرلىك ما فامىلىلىك ئەر يەتتە سەككىز ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن پىيادىلەر يولىدىكى 18000 پارچە قىشنى ئوغرىلاپ كېتىپ ئۆز ئۆيىنىڭ تېمىنى ياسىغان. نۆۋەتتە بۇ دېلو شۇ يەرلىك تەپتىش ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، ئوغرىلاپ كېتىلگەن خىشلارنىڭ ھەممىسى شەھەر مەمۇرىيىتى شىركىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىن باشلاپ، بېڭبۇ شەھەرلىك ئىككىنچى شەھەر مەمۇرىيىتى شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى شەھەرنىڭ تۇشەن يولى بىلەن دوستلۇق يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى پىيادىلەر يولىغا ياتقۇزۇلغان خىشلارنىڭ سەۋەبسىزلا كەملەپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوقاپ كەتكەن ساننىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بايقىغان، بۇلتۇر 12-ئايدا شىركەت بۇ ئىشنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان. چاڭجېڭ ساقچىخانىسىدىكى مۇشۇ دېلونى بېجىرىشكە مەسئۇل ساقچى يۈەن شىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار كۆپ قېتىم ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا شۇ شەھەردىكى ما فامىلىلىك ئەرنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنى بېكىتكەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. ساقچىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ما فامىلىلىكنىڭ ئۆيىدە ئادەم بويى ئېگىزلىكىدىكى بىر قانچە تام، گۈللۈكنىڭ ئەتراپىدىكى قورشاۋ تام قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پىيادىلەر يولىدىن ئوغرىلاپ كېلىنگەن خىشلاردىن قوپۇرۇلغان ئىكەن. 1-ئاينىڭ بېشىدا بۇ دېلو تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان، ما فامىلىلىك ئوغرىلاپ كەتكەن خىشلارنىڭ ھەممىسى شەھەر مەمۇرىيىتى شىركىتىگە قايتۇرۇلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved