13-چېسلا رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى ئانتون. شىرانوف 2016-يىلى ماي باھاسىنىڭ 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە چوقۇم زاپاس تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بېكىتىشى لازىم ئىكەن.ئۇ 12-چېسلا قازاندىكى يىغىندا مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مۇلاھىزە قىلىۋاتقان مەسىلە شۇكى، كېلەر يىلى ماي باھاسىنىڭ يەنىلا ھازىرقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتنى ساقلىشى ياكى يەنىمۇ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى. بەلكىم كېلەر يىلىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە ھەتتا ھەر تۇڭ ماي 30 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلىشى مۇمكىن. شۇڭا چوقۇم ئەڭ قىيىن مەزگىلگە قارىتا تەييارلىقىمىز پۇختا بولۇشى لازىم.
مۆلچەرلەپ ھېسابلاشتىن ماكرو ئىگىلىكنىڭ ھازىر ئىنتايىن ئوسال ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، بىزنىڭ مالىيە خام چوتىمىزدا پىلانلانغان ماي باھاسى ئەسلى ھەر تۇڭى 50 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، ئەمما ھازىرقى ماي باھاسى 36-37 ئامېرىكا دوللىرى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ھازىرقى جىددىي ھەل قىلمىساق بولمايدىغان ئىشىمىز، ئەگەر ماي باھاسى داۋاملىق چۈشۈۋەرسە قانداق قىلىمىز دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىش.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved