يەمەندىكى ۋاكالەتچىلار ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ؟

يەمەندىكى قوراللىق توقۇنۇش كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى كۈچىيىپ كىرىزىسى ۋاكالەتچىلارنىڭ ئۇرۇشىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى زادى قانداق تەشكىلات.
يەمەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى 2- ئاپرېل تانكىنىڭ ھىمايىسى ئارقىسىدا جەنۇبىي قىسىمدىكى پورت شەھىرى ئادىن شەھەر مەركىزىگە بېسىپ كىردى. يەمەندە 21 ئۆلكە بولۇپ، 2014- يىلى 9-ئايدا سانا ئىگىلىۋېلىنغاندىن بۇيان، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى 9 ئۆلكىنى كونترول قىلدى. بۇ قوراللىق كۈچىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، يەمەن ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ياردەم سورىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئون نەچچە دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ، بۇ قوراللىق كۈچنى يوقاتماقچى بولدى، قانداق بىر قوراللىق كۈچى پارس قولتۇقى دېڭىز ياقىسىدا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇردى؟.
قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىسمى، 1- ھەربىي ئىشلار قوماندانى ھۈسەيىن بادار دىن قۇسەي ئائىلىسىنىڭ ئىسمى قۇسەيدىن كەلگەن، قۇسەي 1956- يىلى يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا ئۆلكىسى ماران رايونىدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ۋە كېچىك چوڭ دادىسى ئاتاقلىق دىنى ئەرباب بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى زەيد ئىبنى سابىت مەزھىپىنىڭ ئالىمى. بۇ مەزھەپ شىئە مەزھىپىنىڭ شۆبىسى.
قۇسەينىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن، قۇسەي دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، زەيد ئىبنى سابىت مەزھىپىنىڭ ئاخۇنى بولغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سالىھنىڭ ئامېرىكا پەرەز سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ، سىياسىي ھەرىكەت قوزغىغان ھەمدە 2004- يىلى قوراللىق توپىلاڭ قوزغىغان، سالىھ دائىرىلىرى قۇسەينى تۇتۇش ئۈچۈن 55 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات تەسىس قىلغان، ھەمدە ئۇنىڭ يۇرتىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
ئارقىدىن ئۇنىڭدىن 30 ياش كېچىك بولغان ئىنىسى ئابدۇل مالىك، قۇسەي ئاكىسىنىڭ ئىزىنى باسقان، 1982- يىلى تۇغۇلغان ئابدۇللا مالىك قۇسەي ئاممىۋى مەكتەپنىڭ تەربىيەسىنى ئالمىغان بولۇپ، 14 يېشىدا توي قىلغان. قۇسەي 1992- يىلى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىدىن ئىلگىرىكى تەشكىلات بولغان ياش ئېتىقادچىلار تەشكىلاتىنى قۇرغان، ئابدۇل ئون نەچچە يېشىدىن باشلاپ قېرىندىشى قۇسەيگە ئەگەشكەن، 20 نەچچە ياشقا كىرگەندە ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، كۆپلىگەن قېرىنداشلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. قۇسەي قەستكە ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئابدۇل بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان، ھەمدە ياش ئىتىقاتچىلار تەشكىلاتىنىڭ نامىنى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىپ، مەڭگۈ ئاكىسى ھۈسەيىن قۇسەينىڭ يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان.
ئابدۇل كۆپ قېتىم قازا قىلدى دېيىلگەن. 2009- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئابدۇل قۇسەينىڭ قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، يەمەن دائىرىلىرىمۇ ئىلگىرى ئابدۇلنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق يېقىندا يۈز بەرگەن ھوقۇق تالىشىشتا ئابدۇلنىڭ يەنىلا ھايات ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ يىل، 1-ئايدا ئۇ يەمەننىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ھادىنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ھادىنىڭ قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سىياسىي شەرتىنى قوبۇل قىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش توغرىسىدا تەھدىت سالدى. ئابدۇل ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇشنى قولغا ئالغاندىن كىيىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، سىياسىي جەھەتتىكى بوشلۇقىنىڭ تولدۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ يەمەن خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇراجىئەت قىلىشى ئارقىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى يەمەن تەۋەسىدىكى توپىلاڭچى ئارمىيە قوراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭغا قارتا، ئابدۇل بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

ئابدۇل قۇسەينىڭ ھەكيا قۇسەي ۋە ئابدۇل كەرىم قۇسەي ئىسىملىك ئىككى ئىنىسىمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق شەخسلىرى. ئۇندىن باشقا، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاب كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەت ، ئەلى قۇسەي ئابدۇل قۇسەينىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى بولۇپ، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ھادىدىن يۈز ئۆرۈشتىن ئىلگىرى سانادا خىزمەت قىلىپ، ھادى ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچرىشىشقا مەسئۇل بولغان، ئىنقىلاب كومىتېتى بولغان قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى سانانى كونترول قىلغاندىن كىيىنكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. مۇھەممەت ئەلىمۇ بۇنىڭ بىلەن قۇسەي دائىرىلىرىنىڭ نامدىكى ھۆكۈمەت باشلىقىغا ئايلاندى. بىراق ئۇنىڭ قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىدىكى ئەمەلىي ھوقۇقى قۇسەي ئۇچ ئاكا ئۇكىدىن تۆۋەن بولدى.
دىنى مەزھەپلىرىنىڭ توقۇنۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە بارلىققا كەلگەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى تەشكىلاتى ئاساسلىقى شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن، بۇ قوراللىق تەشكىلات 100 مىڭ قوراللىق خادىمى بار دېدى ، بىراق يەمەن ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ پەقەت 30 مىڭ ئادىمى بار دەپ قارىدى.
ھادى رەجىم قىلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلغاندىن كىيىن، يەمەننىڭ پورت شەھىرى ئادىنغا بېرىپ، پايتەختنىڭ ئادىنغا يۆتكەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئادىن يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىغا سادىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ تاقابىل تۇيمىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاساسلىق قورغىنى، بۇندىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، قۇسەي توپىلاڭچى ئارمىيەسى ئادىننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىگىلىدى، ھەمدە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى، بىراق ھادى بۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قېچىپ كەتتى.
قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ئىلگىرىلەش داۋامىدا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرال ياراغلىرىنى ئولجا ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراندىن كەلگەن دەپ قارالغان ھەربىي ماددىي ئەشيالارغا ئېرىشكەن. ئەرەب سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 20- مارتتىكى خەۋىرىدە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىنىشىچە: ئىراننىڭ بىر يۈك پاراخوتى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى كونترول قىلىپ تۇرغان سەلىف پورتىدا توختىغان، ھەمدە 185 توننا قۇرال ياراق ۋە ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى چۈشۈرگەن. بۇندىن ئىلگىرى ئىران بىلەن قوسەي قوراللىق كۈچلىرى قوسەينى بىر يىل نېفىت بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت ئىقتىسادى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، بۇ قېتىمقى قۇرال ياراق يۆتكەش بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسىم بولۇش مۇمكىن دەپ قارالغان. يەمەن ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىران شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەمەننى قۇۋۋىتى 20 مىليون كىلوۋات كېلىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغان.
سانا سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى يەنە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش قۇراللىرىنى ئىشلەتكەن.
مەڭگۈلۈك دوست بولمايدۇ پەقەت مەڭگۈلۈك دۈشمەنلا بولىدۇ، بۇ قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەسۋىرلەشكە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.
يەمەن بىن لادىننىڭ يۇرتى، بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى شۆبىسىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەمەلى كۈچ. قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى شىئە مەزھىپىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات، بىراق ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى ئىزچىل تۈردە يەمەندىكى بازا تەشكىلاتى شۆبىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ كەلمەكتە، شۇڭا قۇسەينىڭ ئۈلگىلىك شوئار ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنى يوقىتىش بولسىمۇ، بىر قىسىم غەرب ئەللىرى يەنىلا ئۇلارنى ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قاراپ كەلمەكتە.

گەرچە قۇسەي توپىلاڭچى ئارمىيەسىنى قۇرغۇچى سابىق زۇڭتۇڭ سالىھ قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر سالىھنى بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراپ كەلمەكتە. سالىھ يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى، بىراق 1990- يىلدىن ئىلگىرى شىمالىي يەمەننىڭ 12 يىل زۇڭتۇڭى بولغان. 2011- يىلى بېسىمغا ئۇچراپ مەجبۇر ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كىيىن، بۈگۈنكى كۈندە سالىھ يەمەندە يەنىلا ھوقۇق ۋە كۈچكە ئىگە بولغان. خەۋەرلەردە، ئۇ 2011- يىلدىكى قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە ئۆزىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش خىيالىدا بولغانلاردىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن دەپ ھېسابلانغان. بىراق، يەمەنلىك كۆپلىگەن كىشىلەر ، ئەگەر قۇسەي ھوقۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇستەھكەملەيدىغان بولسا، ئۇلار سالىھقا سادىق قوللىغۇچىلار بىلەن ھوقۇق كۈرىشى ئىلىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.
سالىھ تەختتىن چۈشكەندىن كىيىن، ھادىمۇ بىر مەزگىل قۇسەي قوراللىق كوچىلىرىنى ئۆزىگە تارتقان.
2004-يىلى قۇسەي ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا قازا قىلغان، سالىھ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ جەسىتىنى سانادىكى مەركىزى تۈرمىگە دەپنە قىلغان. بىراق 2012- يىلى ئۇنىڭ جەسىتىنى يۇرتىغا ئىلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىنغان. ھادى يەنە ئۆزى سانادا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.ئەمما، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋارىسى ھادىنى ساختىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى خادىملىرىنى سانىدىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرمىغان.
ئىرانمۇ قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قوللىغۇچىسى دەپ قارالماقتا. قېچىپ كەتكەن زۇڭتۇڭ ھادىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ئىراننىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.
بۇلار سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەندىشىگە سالغان، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جەنۇبىي يەمەن بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبىي قىسىمىدىكى قوشنىسىنى ئىرانغا سادىق توپىلاڭچى قوراللىق كۈچلەر ئىگىلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تولىمۇ كېچىكىپ ھېس قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى 2010-يىلى يەمەن چېگرا رايونىدا قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىراننىڭ مەزكۇر رايوندا دىنى مەزھەپلەرنى قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە قىيىنچىلىق ئىچىگە كېرىپ قالغان يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنى قوللايدىغانلىقىنى توغرىسىدا قەسەم بەردى.
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش، ئەمەلىيەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدىكى بىر مەيدان ۋاكالەتچىلار ئۇرۇشى بولغان.
ئەمەلىيەتتە قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى تۇرغان قىزىل دېڭىزدىكى پورت شەھىرى تائىسنى كونترول قىلغاندىن كىيىن، يەمەندىكى تالاش تارتىشتا خەلقئارالىشىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى، چۈنكى غەرب ئەللىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپمۇ تېھران ھورمۇز بوغۇزىنى ئاساسى جەھەتتىن كونترول قىلغان ئەھۋالدا، ئىران بىلەن ئالاقىسى بولغان گۇرۇھىنىڭ ماند دېڭىزى بوغۇزىنى كونترول قىلىشىغا سەۋرى تاقات قىلىپ تۇرمايدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كەسكىن تۈردە يەمەن ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشىنىڭ ھادىنى قوغداشتىن سىرت ئىران بىلەن قارشىلىشىش سەۋەبىمۇ بار، بۇندىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى يەمەننىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىشنى ئىزچىل تۈردە خالىماي كەلگەن. چۈنكى يەمەندە سۈنئىي مەزھىپىدىكى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى قامال قىلىشقا پايدىلىق ئىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر رەھبەرلىك قىلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەر رەھبەرلىك قىلغان ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى ئۈزۈلمەي كەلمەكتە، بۇ قېتىم شىئە مەزھىپىدىن بولغان قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يەمەندە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇرۇنلا ئىراننىڭ قوللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلىپ كەلگەن ئىدى. يەمەن زۇڭتۇڭى ھادى يېقىندا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىن ئايرىلىشىغا مەجبۇرلىغان شىئە مەزھىپىدىكى ئۆكتىچىلەرنى ئىراننىڭ قورچاق ئەسكىرى دېدى، ھەمدە ئىراننىڭ يەمەننىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتىكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىدە ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى مىسىردا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئىراننى ئەيىبلىدى . تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇئانمۇ، ئىران ئوتتۇرا شەرق رايونىنى كونترول قىلماقچى، بۇنىڭغا سەۋرى قىلىشقا بولمايدۇ دېدى. بىراق، ئىران تەرەپ بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلدى، ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قانلىق توقۇنۇشنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، پۈتكۈل رايوندا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى كېڭەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



خەتكۈچلەر:
10-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek