مەدەنىي مىراسنىڭ بىر خىلى بولغان يىپتا ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ياغاچ قورچاق ئويۇنىغا مىسىر ۋارىسلىق قىلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككى مىڭ يىللار ئەتراپىدا، مىسىردا يىپتا ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ياغاچ قورچاقنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى بارلىققا كەلگەن، ھەتتا بەزى قەبرىلەردىن پىل چىشى ياكى ساپالدىن ياسالغان يىپتا ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ياغاچ قورچاقلار بايقالغان.
مىسىرنىڭ ھازىرقى زامان يىپتا ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ياغاچ قورچاق ئويۇنى كەسپىنى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەينى چاغدا 20 پۇند (تەخمىنەن 2.6 ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر ) خەجلەپ تىياتىرخانىدا بىر مەيدان ياغاچ قورچاق ئويۇنى كۆرۈش مىسىردىكى بالىلار ھەتتا چوڭلارنىڭمۇ بىر تۈرلۈك قىممەتلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئىدى. تېلېۋىزور، تور ۋە يانفون قاتارلىق زامانىۋى ۋاستىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئويۇنلارغا بولغان قىزىقىشى سۇسلاپ كېتىپ، ياغاچ قورچاق ئويۇنى قويۇلماي، دۆلەت ياغاچ قورچاق ئويۇنى تىياتىرخانىسىمۇ تاقىلىپ، سەھنىلەرنى چاڭ-توزان باستى، ئارتىسلار ئىشسىز قالدى. لېكىن نۇرغۇن يىللىق داۋالغۇشتىن كېيىن، ئامما ۋەيران بولغان ناتونۇش بۇ خىل سەنئەت ئويۇنىغا قايتىدىن تەشنا بولغان.
18-ئاپرېل كەچ دۆلەت ياغاچ قورچاق تىياتىرخانىسىدىكى سەنئەتكارلار دۇنيا مىراس كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، قاھىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئويۇن قويغان. شۇ كۈنى كەچتە يۈزگە يېقىن ئامما تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن مۇزىكىغا جور بولۇپ، ياغاچ قورچاق ئويۇنىنى كۆرگەن. ئارتىسلارمۇ ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن نومۇر ئورۇنداپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved