2012-يىلىدىن باشلاپ، 20 ئەسىر فوكىس شىركىتى يېڭى نۇسخا زورونى قايتا سۈرەتكە ئېلىشنى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇ كېيىنكى ئىلھام ئەسلىمىسى ئۇسلۇبىدىكى فىلىمغا «زورو» دەپ نام قويۇلدى، كېيىن خەۋىرى بولمىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ Lantica ۋە Sobini مەبلەغ سالغان فىلىم نۆۋەتتە «يەرنىڭ تارتىش كۈچى» نىڭ رېژىسسورى ئالفانسونىڭ ئوغلى جوناس كائۇروننى سىنارىيەگە يىتەكچىلىك قىلىشقا بېكىتكەن، جوناس كائۇرون 2015-يىلى ئۆزى تۈزۈپ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىمى «قۇملۇق» تا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان ئارتىس جېفىرېي دىن مورگان باش رول ئالىدۇ، بۇ فىلىم بۇ يىل 3-ئايدا دومىنىكىدا سۈرەتكە ئېلىشنى بېكىتتى.
«زورو» نىڭ قايتا قوزغىتىلىشى كلاسسىك رىۋايەتلىك شەخىسنىڭ قايتا يارىتىلىشى دەپ تەسۋىرلەندى، «ھوللىۋود خەۋەرچىسى» يېڭى نۇسخا زورو ئۆتمۈشتىكى قەھرىمان ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ بىر نىقابلىق قىساسكارغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ «شەپەرەڭ پالۋان: زۇلمەت چەۋاندازى» نۇسخىسىنىڭ نەزەر سېلىشىغا ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بار دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
«زورو» بۇ ئوبراز ئەڭ دەسلەپ 1919-يىلى ئامېرىكىلىق يازغۇچى يوھانىستون ماككۇلىنىڭ بۆلۈپ ئېلان قىلغان ھەممىباب ژۇرنىلى «كاپېسترانونىڭ قارغىشى» نى مەنبە قىلغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئارقا-ئارقىدىن قايتا سۈرەتكە ئېلىنىپ كىنو قىلىنغان ھەمدە 1950-يىلى دېسنىي تېلۋىزىيەسىنىڭ چولپىنىغا ئايلانغان، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەلئىچىدىكى قەھرىمان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved