جاھان ئاگېنتلىقى 19-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا 16 قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كېتىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتىىدا، ئوت كېتىش ھادىسىسىدە شۇئانغا قەدەر 15 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 63 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. پايتەخت باكۇنىڭ بىنەگەدى رايۇنى ئازاتلىق كوچىسىغا جايلاشقان 16 قەۋەتلىك بىنادىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن نەخ مەيدانغا نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، بىر تىك ئۇچار ۋە 30 دانە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يىتىپ كەلگەن. ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رامىل ئۇسۇبوۋ ۋە جىددىي ئىشلار مىنىستىر ياردەمچىسى ئەتىبەر مىرزايېۋ نەخ مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بىنا ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۋېلىندى. بىنادىكى ئوتنىڭ بىر قىسمى كونترول قىلىندى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved