مۇخبىرىمىز يۈەن لېينىڭ 20 - نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، PPP ئەندىزىسى تۈرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىدا تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
يەكەن ناھىيەسىنىڭ تۇنجى PPP ئەندىزىسى قۇرۇلۇش تۈرى −− ناھىيە ئايلانما يولى قۇرۇلۇشى تۈرىدە 10 - نويابىر ئىش باشلانغان. PPP ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ ياسىلىدىغان G575 لىنىيەسى، يەنى باركۆل - قۇمۇل يولى تۈرىدە 16 - نويابىر ئىش باشلانغان. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەرقىدە تەڭرىتاغنى كېسىپ ئۆتىدىغان جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدىكى مۇھىم قاتناش تومۇرىغا ئايلىنىدىكەن.
يەكەن ئايلانما يولى قۇرۇلۇشى تۈرى يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2015 - يىللىق ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىق تۈرى (PPP) ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ تۈردە 2 - دەرىجىلىك يول قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى قوللىنىلغان بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر، يول ئۇلىنىڭ ئومۇمىي كەڭلىكى 27 مېتىر، يول ئۇزۇنلۇقى 34.52 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەندى. بۇ قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 412 مىليون 21 مىڭ يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىپ قاتناش باشلىنىشى مۇمكىن.
ھازىر ئاپتونوم رايون PPP قۇرۇلۇش ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى كېڭىشىش قىممىتىگە ئىگە نۇرغۇن تۈرنى تونۇشتۇردى. بۇ تۈرلەرنىڭ مۇساپىسى 1185 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇلارغا 75 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى. G575 باركۆل - قۇمۇل يولى قاتارلىق تۈرلەردىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يوللار، يەنى ئۈرۈمچى - بالغۇنتاي - كورلا - لوپنۇر تۈرى، باركۆل - مورى تۈرى، كۆكتوقاي - كۈيۈكتاغ تۈرى توغرىسىدا جىددىي كېڭىشىۋاتىدۇ.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved