ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، لېكىن نۇرغۇن تەھلىلچىلەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم ئۆستۈرگەندىن كېيىنكى دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش رىتىمى دوللار يۆنىلىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) ئالدىنقى ھەپتە 10-ئايلىق مۇھىم يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۈچلۈك پىكىر بايان قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 10 -ئايلىق غەيرى-يېزا ئىگىلىك دوكلاتى نەتىجىسى كۈچلۈك بولغاچقا، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان مۆلچەرى جىددىي يۇقىرى ئۆرلىدى.
11-ئاينىڭ 25-كۈنى ( چارشەنبە ) ئېلان قىلغان ئامېرىكا ياساش كەسپى مەھسۇلاتى ۋە كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىش پىلانى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى كۈچلۈك چىقىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى تېخىمۇ كۈچەيدى، بۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى 99.71 بىلەن 99.91 گىچە بولغان دائىرىدە تەۋرەندى.
كېلەر ھەپتە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندىغان ئامېرىكا 11-ئايلىق غەيرى-يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى بىر ئاچقۇچلۇق ئامىل. ئەگەر بۇ مەزگىلدە بازاردا بىرەر مۇھىم ئىش ۋەقە يۈز بەرمىسە، ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش - قوشماسلىقىنى بەلگىلىشى مۇمكىن.
بازار ئومۇميۈزلۈك، فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC) 12-ئاينىڭ 15-16-كۈنى ۋاشىنگتوندا يىغىن ئېچىپ چاغدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ئۆلچەملىك فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 ئاساس نۇقتا ئۆستۈرىدۇ، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشى ھېسابلىنىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved