تۈنۈگۈن، چىلى تەنتەربىيە مۇخبىرلار كومىتېتى 2015-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىنى باھالاپ چىققان بولۇپ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى بۇراۋۇ رەقىبلىرىدىن ئارسىنال كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى سانچىس، بايرىن كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بىدال قاتارلىقلارنى يېڭىپ، 2015-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالاندى.
بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ۋاراتارى بولغان بىراۋۇ، ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىر يىل جەريانىدا بارسېلونا كوماندىسىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «بەش شاھ» شەرىپىگە ئېرىشتى، چىلى دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 2015-يىللىق ئامېرىكا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
بۇراۋۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ: بۇ شەرەپكە نائىل بولغىنىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن، ئەمما بىر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنياۋى چوڭ مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلىپ، چىلى دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىشنى ئەڭ چوڭ خىزمىتىم دەپ بىلىمەن، دېدى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved