26-نويابىر دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بېنزىن، دىزېل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 365 يۈەن ۋە 350 يۈەن چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن 90-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.27 يۈەن ۋە 0.3 يۈەن چۈشكەن، تەڭشەلگەن باھا 26-يانۋار سائەت 24:00 تىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان.
بۇ قېتىملىق تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش دائىرىسى ھازىرقى تەييار ماي باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ 26-يانۋاردىن ئىلگىرىكى 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە خەلقئارا بازاردىكى خام نېفىتنىڭ ئوتتۇرىچە باھا ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھېسابلاپ بېكىتىلگەن. يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىدىن بۇيان، يەر شارى نېفىت بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇش، ئېھتىياج تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ ماڭغان.
ئۇقتۇرۇشتا جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو نېفىت-خىمىيەسى، جۇڭگو دېڭىز نېفىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ شىركەتنىڭ تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، بازارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىق قىلىشى، دۆلەت باھا سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلمىغان قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، بازارنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغدىشى تەلەپ قىلىندى.
![]() |
مۇخبىرلىرىمىز يۆ يەنيۈن، لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ماي سائەت 12 دە ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پولات لىمى ئوڭۇشلۇق قۇراشتۇرۇلدى.
ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال با...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved